ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ئېچىلىش خاتىرىسى: «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن باھاردا»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-06 15:26

بارلىق مەۋجۇداتلار ئويغاندى، باھار زېمىننى ئىللىتتى.
ئاغدۇرۇلغان چەكسىز ئېتىزلار خۇددى سۈرەتتەك كۆرۈنەتتى.
قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ئالدىراش، تەرتىپلىك بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى.
مۇزېي، مەززىلىك تائاملار كوچىسى، كىنوخانىلار قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى.
باش باھاردىكى بېيجىڭ ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى.
تۇنجى قۇياش نۇرىغا چۆمگەن سەھەردە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ خۇەيپىڭ ۋەكىللىك كىنىشكىسىنى ئەستايىدىل تاقىدى.
ئۇ ھۆججەتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، يېنىك قەدەم بىلەن ئاپتوبۇسقا چىقىپ، خەلق سارىيىغا قاراپ يولغا چىقتى.

سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، 3000غا يېقىن ۋەكىل يىغىن مەيدانىغا كىردى.
ليۇ خۇەيپىڭ مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىنغا ئىشەنچىم كامىل.
ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز بوران ـ چاپقۇندا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاسان قولغا كەلمەيدىغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇردۇق.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ دۇجۈەن: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ياسىمىچىلىققا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشتى، دېدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چيەن خەيجۈن مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ، بولۇپمۇ چەت، يىراق تاغلىق رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋېن شەنليەن: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق، دېدى.
بۇ يىل 14ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان، 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر يىل. ۋەكىللەرنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، كۈتىدىغان ئۈمىدى يۇقىرى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چىن يۈەن مۇنداق دېدى: مەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شيې جىبىن مۇنداق دېدى: داۋالاش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پىلانىنىڭ بولۇشىنى، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى ۋە ئۈنۈملۈك كېڭەيتىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شيا لى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى، تېخىمۇ كۆپ ئىلغار جابدۇق، يادرولۇق زاپچاسلارنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
14-بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەر پىلانلىنىپ، تەرەققىيات چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خو چىگاڭ مۇنداق دېدى: دوكلات ئىلمىي، ناھايىتى ئەمەلىي ھەرىكەت لايىھەسى بولۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا ناھايىتى ئېنىق پىلان تۈزۈپ بېرىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ چىڭفېڭ: بىز ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان چوڭ مودېلنى يادرو قىلغان سۈنئىي ئەقىل كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىۋاتىمىز، دېدى.
ۋەكىللەر شەرەپلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ، پائال تەكلىپ-پىكىر بېرىپ، ئەقىل كۆرسەتتى، خەلق ئاممىسى زور ئۈمىدكە تولۇپ، يول ئېچىپ كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتماقتا.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ئېچىلىش خاتىرىسى: «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن باھاردا»

بارلىق مەۋجۇداتلار ئويغاندى، باھار زېمىننى ئىللىتتى. ئاغدۇرۇلغان چەكسىز ئېتىزلار خۇددى سۈرەتتەك كۆرۈنەتتى. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ئالدىراش، تەرتىپلىك بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى.