ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يېڭى موتورىنى قوزغىتايلى
2025-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىللەر، ئەزالار «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدا چارە تەدبىر كۆرسەتتى.
ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، 300 مىليارد يۈەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، نۇرغۇن ۋەكىللەر، ئەزالار «ئىككى يېڭى» سىياسەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇاڭ ماۋشىڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتلىرى يەنىمۇ كېڭەيتىلسە، بولۇپمۇ يېڭىلاش مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولغان ئەقلىي مەھسۇلاتلار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرى قاتارلىقلار سىياسەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تاڭ لياڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ ياشانغانلارغا تارقىتىشتا تور سىرتىدا تارقىتىش شەكلىنى كۆپرەك قوللىنىش، تارقىتىش نۇقتىسىنى ئەڭ ياخشىسى ئاھالىلەر مەھەللىلىرىدە تەسىس قىلىش كېرەك. مەيلى ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلىتىش بولسۇن ياكى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ياشانغانلارغا ئېتىبارلىق چۈشلۈك تاماق بېرىش قاتارلىقلار بولسۇن، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
پۇقرالارنىڭ «ھەميانى» تېخىمۇ تومپايسا، ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال ئىقتىدارى، ئارزۇسى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ باۋلياڭ مۇنداق دېدى: سىياسەت، مەنزىرە جەھەتتىن يېڭى ئىستېمال ئېھتىياجىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمالنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، سىياسەت ۋە ئىستېمال جەھەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىش كېرەك.
2025ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىستېمال مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، رەقەملىك، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمال تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گۇڭ دىڭلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: دىققەتنى ياش ئىستېمال توپىنىڭ يېڭى ئېھتىياجى، يېڭى قىزىقىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. گۇڭ دىڭلىڭ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق مۇسابىقە كۆرۈش، مەدەنىيەت ئويۇنى، ئەرمەك ھايۋانلار ئىستېمالى قاتارلىق گۈللەنمە ئىقتىسادىي ھالەت جەھەتتە، يېڭىچە ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يانداش مېخانىزم بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشلار توپىنى يېتەكلەيدىغان ھېس قىلىش تىپىدىكى، سۈپەت تىپىدىكى ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇش كېرەك.
شەھەرنى يېڭىلاش ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاۋ جېنشياڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: شەھەرنى يېڭىلاش جەريانىدا، فىزىكىلىق بوشلۇقنى ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يېڭى شەھەر ئاھالىسى توپىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك. جاۋ جېنشياڭ مۇنداق دېدى: نىسبەت بويىچە يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىگە قارىتىلغان ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئائىلىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش چىقىم ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىش، ئىستېمال ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى كېجيەن مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سېلىنما ۋە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. لى كېجيەن مۇنداق دېدى: «ئىككى مۇھىم»، «ئىككى يېڭى»، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇل ئەسلىھە، شەھەرنى يېڭىلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم تۈرلەرنى پىلانلاپ تەييارلاش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى، كەسىپ سېلىنمىسىغا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ تېزرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جياڭ خاۋرەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سىياسەت، مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق بايلىقلارنى پۇقراۋى كارخانىلارغا تېخىمۇ توغرا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا تۈرلۈك ئاممىۋى ۋە يېرىم ئاممىۋى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىلىرى ۋە پەن ـ تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىش كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت