ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[يول ئېچىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى سەھىپە يارىتايلى] پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-07 17:14

ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ توپلىنىپ ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىنى، ئەنئەنىۋى قۇۋۋەتنىڭ يېڭىلىنىپ، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، نۇرغۇن ۋەكىللەر، ئەزالار ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن خۇيچىڭ مۇنداق دېدى: ئالىيلاشتۇرۇش دېگىنىمىز ئىشلەپچىقىرىش جابدۇقلىرىمىزغا ئىلغار جابدۇقلار ئارقىلىق كۈچ قوشۇش دېگەنلىكتۇر؛ ئەقلىيلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سۈنئىي ئەقىل، سانائەت ئىنتېرنېتى تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش دېگەنلىكتۇر.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گاۋ چۈنيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە ئالىي ئەقلىي يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، كېڭەيتىپ قوللىنىش باشلامچى رايونى قۇرۇش پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالىي ئەقلىي يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لو ۋېنجياڭ: پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلسە، دەپ تەكلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جىئەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن رايون خاراكتېرلىك ھەمبەھرىلىنىش، بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش، پۇل-مۇئامىلە»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھازىر چوڭ مودېل، ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادەم قاتارلىق سۈنئىي ئەقىل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ساغلام، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ فەن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە كەسىپتىكى چوڭ مودېللارغا بولغان يۇقىرى قاتلاملىق يېتەكچىلىك ۋە پىلانلاشنى دۆلەت قاتلىمىدىن كۈچەيتىپ، بۇ كەسىپتىكى چوڭ مودېللارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ خۇڭيۈن مۇنداق دېدى AI : ۋە ئۇ ۋەكىللىكىدىكى سانلىق مەلۇمات ۋە ھېسابلاش كۈچىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىمكانقەدەر تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتلىق يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تېخىمۇ چوڭ يېتەكچىلىك بوشلۇقىنى ساقلاش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جياڭپىڭ مۇنداق دېدى: يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەسپىي سانلىق مەلۇمات توپلاش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىختىساسلىقلار مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بەي جىڭياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «AI + ئېنېرگىيە» بىرىكمە تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ھەم سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى بىلىدىغان، ھەم ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ ئېھتىياجىنى پىششىق بىلىدىغان بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلار نىشانلىق تەربىيەلەنسە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ گۇاڭلەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەخسۇس يۈرۈشلۈك سىياسەت تۈزۈش ئارقىلىق، پەن تەتقىقات كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسى تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق «دۆلەت رەقەملىك ھېسابلاش زاپاس بازىسى» تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە جەلپ قىلىنسا.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش باسقۇچى بالدۇر بولۇش، دەۋرىيلىكى ئۇزۇن بولۇش، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا، نۇرغۇن ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: سەۋرچان كاپىتال زورايتىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشقا تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىنسا. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جاڭ چياۋ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئىجتىمائىي كاپىتال پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللىشى كېرەك، دۆلەت كاپىتالى پەقەت بىر ئۇرۇق، كۆپ ھاللاردا يەنىلا ئىجتىمائىي كاپىتالنى جەلپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى فەن شياۋيۈن مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال ماسلاشقان پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، پەن ـ تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاۋ گوچۈن مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرى پەن تەتقىقات بىلەن تەشكىللىك شۇغۇللىنىشى كېرەك، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش، جۈملىدىن پۇل مۇئامىلىنى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەندىلا، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ۋاقتىدا ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[يول ئېچىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى سەھىپە يارىتايلى] پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن