ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-08 10:34

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتىمىز.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. شاڭخەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى «بەش مەركەز»دىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى تولىمۇ ئالاھىدە بولدى. ئەمەلىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇندايمىز.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، قالتىس نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجە ۋە ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش» نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۈنمىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى يېتەكلەپ داغدام يولدا مېڭىپ، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇپ، ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تىرىشىپ ئالدىدا ماڭىمىز.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بۇلتۇر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىمىز.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە