ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-10 16:55

تەخمىنەن 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ، بۇ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ كۆزلىمە يېڭى نىشانى. دوكلاتتا: ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقا ئاساسلىق كۈچەپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۈ سوڭشياڭ مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ياكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگە، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تېزدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلسە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۇڭ لى مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىمىزگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرساق.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ خېڭجۈن مۇنداق دېدى: ئادەمسىز دېھقانچىلىق مەيدانى، رەقەملىك چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئاقىل ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىلسە.
بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلغان بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دۇ جىشيۇڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار قوللاش سىياسەتلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنسا.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۇڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى:يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئەمەلىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى، زامانىۋى دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى زورايتىلسا.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لو لەيچاڭ مۇنداق دېدى: ناھىيە بازىرىدىكى مەبلىغى، تۈرى، تېخنىكىسى بار كىشىلەر ياكى كارخانىلار يېزا كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پىلانلىق يېتەكلەنسە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تاۋ شۈنخۇا مۇنداق دېدى: يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىناۋەت باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلسا.
تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جېنى، يەر دېھقانلارنىڭ جېنى. يېزا ئىسلاھاتىدا يەرنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جەن جىچى مۇنداق دېدى: بىكار يەرلەردىن پايدىلىنىپ، شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، سەھرا ساياھىتى، پۇقراۋى قونالغۇ، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى راۋاجلاندۇرۇلسا. يەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلسە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدىمەمەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: يېرى يوق ياكى يەرنى قايتىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم دېھقانلارغا، كەنتتە زاپاس قالدۇرۇپ قويغان يەرنى ئىلتىماس قىلىش، قانۇن بويىچە بوز يەر ئېچىش، شۇ كەنتتە يەر ئوبوروت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنىڭ مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنسا.
دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مۇھىم ھالقا. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللاش تۈزۈمىنى قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تەن شىنپىڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت يوللىرى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلسا.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن گوچاڭ مۇنداق دېدى: يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ياخشى ئىشلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇمچە قىممىتى ئاشۇرۇلسا.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۈ جيەنشىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى ۋە يەر ئوبوروت قىلىشى جەھەتتە، دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنسا.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى جىجۈەن مۇنداق دېدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، پۈتۈن زەنجىر، پۈتۈن جەريان، پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىلسە.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

تەخمىنەن 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ، بۇ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ كۆزلىمە يېڭى نىشانى. دوكلاتتا: ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلى