ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يول ئېچىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى سەھىپە يارىتايلى» خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى ئەلا بىلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-11 11:10

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىللەر، ئەزالار قانداق قىلغاندا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى ئەلا بىلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش توغرىسىدا پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، 2025-يىلى شەھەر-بازارلاردا 12 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: تۈرلۈك مەبلەغ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ بايلىقىنى «ئادەمگە ئىشلىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يىن جۇڭ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەش + ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى + ئىگىلىك تىكلەش قەرزى + ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ـ يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى شيەنشياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپ خىل ئىگىلىك ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، يېزا ساياھەت ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنسا. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ چۈجىڭدىكى «تۇگۇاچۇڭ كەنتى» «ساياھەت، ئولتۇراقلىشىش ماكانى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى، ھازىر شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يەر ئىجارە ھەققى، كونا ئۆي ئىجارە ھەققى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىمى ئارقىلىق، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ چۈنشېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۇقىرى ئۈنۈملۈك، جانلىق، قېلىپلاشقان كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيتىلسە. مەملىكەت بويىچە سالاھىيەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تارماق ھالقىپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، «بىر گۇۋاھنامە ئارقىلىق راۋانلاشتۇرۇش» ئەندىزىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، گۇۋاھنامە ئالغان خادىملار رايون، كەسىپ ھالقىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، تەكرار باھالاش زۆرۈرىيىتى بولمىسا.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي داۋالىنىش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس تەرەققىي قىلىدۇرۇش ۋە تۈزەش ئىلگىرى سۈرۈلسە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىلمۇرات ئەسمىتۇللا مۇنداق تەكلىپ بەردى: باجدا ئېتىبار بېرىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق، ئىجتىمائىي كاپىتال ئاساسىي قاتلام داۋالاش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش بايلىقى تولۇقلىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى پۇختىلانسا.
قانداق قىلغاندا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى «تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نى خەيچيۇڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن سەرپىياتلىق قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەشچان ئىشىك-دېرىزە، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارغا مەخسۇس ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، يېزا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى گۇاڭشيا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆزئارا ياردەم بېرىش، كۈتۈنۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، قوشنىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىش نۇقتىسى، يېزا بەخت ساناتورىيەسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شارائىتى بار يېزىلاردا ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش ئىش ئورنى تەسىس قىلىنسا.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لۇ مىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاق باشلار ئىقتىسادى پائال كېڭەيتىلىپ، ياشانغانلارنىڭ بەخت-سائادىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاشۇرۇلسا. كۈتۈنۈش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئەسلىھەلەرنى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رەقەملىك ياشانغانلارغا ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، قېرىلىشىش خىرىسى «ئاق باشلار ئىقتىسادى پايدىسى»غا ئايلاندۇرۇلسا.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يول ئېچىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى سەھىپە يارىتايلى» خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى ئەلا بىلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتايلى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىللەر، ئەزالار قانداق قىلغاندا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى ئەلا بىلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش توغرىسىدا پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى.