ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2-ئايدا ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 89.8 گە يېتىپ، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-13 16:58

جۇڭگو ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا جۇڭگودىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 89.8 بولۇپ، 1-ئايدىكىدىن 0.8 نۇقتا ئۆرلەپ، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە تۈر كۆرسەتكۈچى، ساھە كۆرسەتكۈچى ۋە رايون كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەن.
2-ئايدا تولۇق ئىش باشلىغان كارخانىلار %52.5 گە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 7.2 پوئىنت ئاشقان؛ ماكرولۇق ئىقتىساد تەسىر كۆرسەتكۈچى، ئۇنىۋېرسال تىجارەت كۆرسەتكۈچى، بازار كۆرسەتكۈچى، تەننەرخ كۆرسەتكۈچى، ئەمگەك كۈچى كۆرسەتكۈچى، سېلىنما كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئاشقان. جۇڭگو ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ما بىن مۇنداق دېدى: چاغاندىن كېيىن نۇرغۇن جايلار چىڭ تۇتۇپ ئىش باشلاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يولغا قويۇلغان بىر قاتار ئاشۇرما مىقدار سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى سىجىل ئاشتى، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچ مۆلچەرى ۋە بازار ئېھتىياجى مۇقىم ئېشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
2-ئايدا تۈرلەر كۆرسەتكۈچى ۋە كەسىپلەر كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى. سەككىز تۈر ئىچىدە ئۇنىۋېرسال تىجارەت كۆرسەتكۈچى، ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى بىر نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى. سەككىز ساھە ئىچىدە توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىر نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى. سانائەت، قاتناش-تىرانسپورت، ئۆي-زېمىن كەسپى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىك، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال كەسپى كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئۆرلىدى، بىناكارلىق، مېھمانساراي ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەشتىن ئۆرلەشكە يۈزلەندى. كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.
2-ئايدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئايلىنىشىدا تەرەققىيات كۆزلىمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش، بازار ئېھتىياجى مۇقىم ياخشىلىنىش، مەبلەغ ئەھۋالى ياخشىلىنىش، ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك ئېشىش، تەمىنات ئازراق ئېشىش، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى كۈچىيىش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلگەن. ما بىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا سىياسەت ئۈنۈمى ۋە بازارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، كۆرسەتكۈچنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆزەتسەك، ئىككى ئۆزگىرىشنى كۆرەلەيمىز. بىرىنچى، بۇلتۇر 4-پەسىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ گۈللىنىش سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئېشىش باسقۇچىدا تۇرغان. ئىككىنچى، تىجارەت ۋە ئۈنۈم سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىمۇ ئاشقان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2-ئايدا ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 89.8 گە يېتىپ، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىلدى

جۇڭگو ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا جۇڭگودىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات