قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،1 مىليون 650 مىڭدىن ئارتۇق ئىستېمالچى كونا توكسىكلىت يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، جەمئىي 1 مىليارد يۈەن تولۇقلىما بېرىلگەن بولۇپ، كىشى بېشىغا تەخمىنەن 600 يۈەندىن توغرا كەلگەن.
دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل 1 -ئايدىن 2-ئايغىچە، دۆلەت تۆمۈر يولىدا توشۇلغان يۈك 622 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشتى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 175 مىڭ ۋاگونغا يۈك قاچىلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى.
دۇنيادىكى تۇنجى «بىر مېڭە كۆپ ئىقتىدارلىق»، «بىر مېڭە كۆپ ئاپپاراتلىق» ئۇنىۋېرسال ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپا «خۇيسى كەيۋۇ» 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىندى. «خۇيسى كەيۋۇ» نىڭ قوللىنىلىشى ئەنئەنىۋى ماشىنا ئادەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېچىش ئەندىزىسىگە بولغان ئاغدۇرمىچىلىق بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ يەككە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن مۇرەككەپ مۇھىتتا مۇستەقىل تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل