ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:26
ھازىر ئېلىمىزدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. جايلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرمەكتە. 
ھازىر چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې دەرياسى رايونلىرىدا ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، شەرقىي شىمال رايونىدا ئۇرۇق ۋە ئوغۇت تەييارلىنىۋاتىدۇ، غەربىي شىمال رايونىدا يازغى بۇغداي تېرىلىشقا باشلىدى، جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدا چىلگە شال مايسىسى ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈرۈلدى. 
بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئاشلىق، ياغ ئىشلەپچىقىرىش يۈرۈشلۈك مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈردى، چىلگە شال تېرىش مۇددىئاسى بار كۆلەم 13 مىليون 70 مىڭ موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 35 مىڭ مو ئاشتى. تەيشەن 10 بازاردىكى 10 مىڭ مو سۇلۇق ئېتىزدا مۇۋاپىق زىچ تېرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. 
گەنسۇ 40 مىليون مو ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كەنتلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ ئىككى كۈندە، خېشى كارىدورىغا جايلاشقان جىنتا ناھىيەسىدە 100 مىڭ مو يەرگە يازغى بۇغداي تېرىلىشقا باشلىدى، شۇ جاينىڭ قۇرغاق، يامغۇر كەمچىل بولۇشتەك كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە قارىتا،  سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى. 
شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىر مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەردىكى بۇغدايلار ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى كۈتۈۋالدى. شۇ جاي 270 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، 51 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 
جېجياڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش تۈزەشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بوز يەر ئېچىپ تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىش، بىنەم يەرنى سۇلۇق ئېتىزغا ئۆزگەرتىش، تېرىلغۇ يەر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېڭىدىن 500 مىڭ مودىن ئارتۇق سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەرنى كۆپەيتمەكچى. 
بۇ يىل، دۆلەت تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش تولۇقلىمىسى، شال تولۇقلىمىسى ھەمدە شەرقىي شىمالدىكى كۆممىقوناق سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا  تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ ئەتراپىدا كەپەيتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى