زور قۇرۇلۇشلار تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:28
جايلار بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھازىر غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى غول قۇرۇلۇشى پىڭلۇ قانىلى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. قۇرۇلۇشچىلار تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ماداۋ تۈگۈنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا لوكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە بېتون قۇيماقتا.
بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سىچۈەن داجۇ گۇجۈن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇشچىلار توسما ئۇلىنى قېزىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بۇرۇن توسما ياساش باسقۇچىغا كىرىشكە كاپالەتلىك قىلدى، قۇرۇلۇشقا 2 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 127 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، توك چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ.
دۆلەت سۇ تورىنىڭ مۇھىم تۈگۈن قۇرۇلۇشى خۇاڭخې دەرياسى گۇشيەن سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىشيەن ناھىيەسىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، شۇ جاي ئەتىيازلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھالقىلىق لىنىيەدىكى ئېقىن باشلاش تونېلىنى قېزىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.
يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشى سۈرئەتنى تېزلەتتى. گەنسۇنىڭ جاڭيېدا پەنداۋشەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سۇ باشلاش تونېلى قېزىلىشقا باشلىدى. بۇ پاكىز ئېنېرگىيە تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 637 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 856 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ قىلىنىدۇ، 2 مىليون 576 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىد ئاز قويۇپ بېرىلىدۇ.
جىلىننىڭ تاۋنەندە يېشىل ئېنېرگىيە تۈرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، شامال ئېلېكتىرى قاتارلىق بايلىقلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېشىل مېتىل ئالكوگولغا ئايلاندۇرىدىغان بۇ يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 250 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، بۇ يىل 6-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى يېشىل مېتىل ئالكوھول ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇ پاكىز يېقىلغۇ سۈپىتىدە قاتناش، سانائەت قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
چىڭخەينىڭ چايدام ئويمانلىقىدا، بىر مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش تۈرىدىكى گېلىئوستاتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى، 5-ئايدا پۈتۈنلەي قۇراشتۇرۇلۇپ بولىدۇ. بۇ تۈر تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى 1 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك يەتكۈزۈپ، ئېنېرگىيە ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى