سودا مىنىستىرلىقى: كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسى يېتىشتۈرۈلىدۇ،دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:31
مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار «جۇڭخۇا تائاملىرى» يۈرۈشلۈك يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردىدىكەن، بۇنىڭدا «جۇڭخۇا تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش» باش تېما قىلىنىپ، 120 دىن ئارتۇق ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ ئاساسلىقى:«ئېسىل مۇسابىقىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، جۇڭخۇا تائاملىرى ئۈستىدە ئويلىنىش»، «كىنوغا ئەگىشىپ ئېسىل تائاملارنى تېتىش»، «جۇڭخۇا تائاملىرى بازىرى» قاتارلىق «+ئېسىل تائاملار» پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى، ئىستېمالنىڭ ئاۋات مەزگىلى، كىنو ئالتۇن مەزگىلى، چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەر ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال پائالىيىتى سېپى بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسى يېتىلدۈرۈلىدىكەن. بانكا چىقىم راسچوت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن بىرلىكتە، تور ئىچى-سىرتىدا ھەم تۈرتكە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارلىق، قولاي «يېمەك-ئىچمەك + كىنو»، «يېمەك-ئىچمەك + مۇسابىقە» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىنىدىكەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2024-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى 5 تىرىليون 570 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.4 بولغان، شۇنداقلا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ تۈر ھېسابلىنىدىكەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى