ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لەي چىڭدېنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:32
گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى  3-ئاينىڭ 13-كۈنى لەي چىڭدېنىڭ بۆلگۈنچىلىك سەپسەتىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاتالمىش «چوڭ قۇرۇقلۇق تەھدىتى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» مەيدانىنىڭ جاھىللىقى، ئىغۋاگەرچىلىك، قارشىلىشىشىنىڭ غالجىرلىقى ئۇنىڭ كەم-كۈتىسىز «ئىككى قىرغاق تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى»، «تەيۋەن بوغۇزى كىرىزىسىنى پەيدا قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. 
باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لەي چىڭدې بىر تەرەپتىن  تەيۋەننى سېتىپ شەرەپ قازانماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، ئارال ئىچىدە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ «يېشىل تېررورلۇق» پەيدا قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئالاقىسىنى چەكلەپ، ئىككى قىرغاقنىڭ «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى، ئۈزۈشى»نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئۇنىڭ بىر پارتىيە، بىر شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ، ئارال  جەمئىيىتىنى «ناچارلاشتۇرۇش»تىن باش تارتماي، تەيۋەن پۇقرالىرىنى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئۇرۇش ماشىنىسىغا باغلاپ، تەيۋەننى ئۇرۇش خەۋپىگە ئىتتىرىشتەك رەزىل ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. 
باياناتچى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇ ئەزەلدىن بىر دۆلەت ئەمەس ھەمدە مەڭگۈ بىر دۆلەت بولالمايدۇ. تەيۋەن بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ تەيۋەنى، بۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان تارىخىي ۋە قانۇنىي ھەقىقەت، شۇنداقلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان ئىككى قىرغاقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى. بىزنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىرادىمىز ئۇيۇل تاشتەك قاتتىق، ئىقتىدارىمىز پولاتتەك مۇستەھكەم، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچنىڭ تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز، شۇنداقلا ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز. ئەگەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى قىزىل سىزىقتىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە پېتىنىدىكەن، بىز كەسكىن  تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولىمىز.
لەي چىڭدې دائىرىلىرىگە شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، ئوت بىلەن ئويناشقۇچىلار چوقۇم ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ. ئەسلىي زاتىنى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى بولغان ئەمەس؛ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغانلىكى كىشىلەر خەلقنىڭ نەپرىتىگە ۋە تارىخنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ؛ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ئاقىۋىتى كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛ ئېقىمغا قارشى ئىش قىلىپ، جاھاننىڭ لەنەت-نەپرىتىگە ئۇچرايدىغانلىكى قىلمىشلار ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ. ۋەتەننىڭ مۇقەررەر بىرلىككە كېلىش چوڭ ۋەزىيىتى جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ، بارلىق ھىيلە-نەيرەڭلەر جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ!   

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لەي چىڭدېنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لەي چىڭدېنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى