ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ قوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:43
يېقىندا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن سودا بانكىلىرى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى قوۋۋەت قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سودا-سانائەت بانكىسى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەركەز قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان «ئون چوڭ تەدبىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە 6 تىرىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ. جۇڭگو بانكىسى بۇ يىل پۇقراۋى كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرىتىنىڭ پۈتۈن بانكا ئومۇمىي قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرىتىدىن بەش پوئىنت يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، مەبلەغ راسچوتى ۋە پېرېۋوت قاتارلىق مەبلەغ مىقدارىنىڭ 5 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يېزا ئىگىلىك بانكىسى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كىرېدىت كۆلىمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم سېتىش ۋە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەرز ئومۇمىي مىقدارى 7 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.
سودا-سانائەت بانكىسى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش جەھەتتە، ئومۇمىي كۆلىمى 80 مىليارد يۈەنلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندىنى يولغا قويدى، جۇڭگو بانكىسى يېڭىدىن تەسىس قىلغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئانا فوندىنىڭ كۆلىمى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا مۇلازىمەت قىلىدىغان پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل يەنە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش كۆپەيتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى پۇقراۋى كارخانىلارغا مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى لايىھەسى تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قوللاپ، چەت ئەللەردىكى ئامبار، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ قوللىدى

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ قوللىدى