ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ پەن ـ تېخنىكا كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ئەنخۇي كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:45
بېيجىڭ پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ئەنخۇي كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. باش شۇجىنىڭ يوليورۇقى ۋە تەلىپى بويىچە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتماقتا.  ئەمدى «ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماكانىنى ئاچايلى» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ <بېيجىڭ، ئەنخۇي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە> دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.
بۇ مەزگىلدە بېيجىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدا بىر تۈركۈم يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بوشلۇق ساھەسىدە، بېيجىڭ باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى-«تيەنلۇ 1-نومۇر» تۇنجى تۈركۈمدىكى شامال مەيدانىنى ئۆلچەش ئىنتېرفېرىنسىيە سۈرىتىنى يەتكۈزدى، پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام ئاتموسفېرا ۋېكتورى شامال مەيدانى سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشتى، بۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش، يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەر يۈزىدە، بېيجىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى رەسمىي پۈتتى، مەركەزدە مىڭ P دەرىجىلىك يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش كۈچى توپى توپلىنىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ھېسابلاش كۈچى كۆرۈنۈشىنى دەلىللەش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي يولى. باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بېيجىڭ سۈنئىي ئەقىل، سودا ئالەم قاتنىشى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، ئىختىساسلىقلار زاپىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن ئالدىنقى قاتاردىكى كەسىپلەرنىڭ تېز ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ يەنە پەن-مائارىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، گۈللەنمە كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرگە ئالاقىدار ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، توققۇز چوڭ مەخسۇس تۈر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە 285 نۇقتىلىق تۈرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇردى.
كارخانا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن. ھازىر ئەنخۇي باشلامچى كارخانىلارنىڭ باشلامچى بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. خېفېيدىكى بىر يۆتكەش- توشۇش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا، كارخانىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شوپۇرسىز يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسىنىڭ داۋاملىق يۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرمەكتە.
مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر ئەنخۇينىڭ %87 تىن ئارتۇق تۈر مەبلىغى، %80 تىن ئارتۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى، %80 تىن ئارتۇق ئۆلكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى كارخانىلار باش بولۇپ تاماملىدى. بۇ يىل، ئەنخۇي ئۆلكىسى 1 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلارنىڭ چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەپ قوللاپ، كىۋانت ئۇچۇرى، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ئاز دېگەندە 100 تۈرلۈك ئۆلكىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى  قوۋۋەت قوشتى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ پەن ـ تېخنىكا كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ئەنخۇي كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى

بېيجىڭ پەن ـ تېخنىكا كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ئەنخۇي كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى