ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:46
«ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسەت دائىرىسى كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، جايلار مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.
يېقىندا شاڭخەي ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يەنە بىر تۈركۈم تولۇقلىما بېرىلىدىغان تۈر، داڭلىق ماركا ۋە كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى تولۇقلىدى. بۇنىڭ ئىچىگە ئەقلى ئۈگەنگۈچ تۈرىگە «يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، قول سائىتى سېتىۋېلىش يېڭى تولۇقلىمىسى» قوشۇلدى، ئەقلىي تىڭشىغۇچ، نەملىك يوقاتقۇچ، چاچ قۇرۇتقۇچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرى ۋە روتېر قاتارلىق ئەقلىي ئائىلە سايمانلىرى تۈرىگە «ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى ئىستېمال تولۇقلىمىسى» قوشۇلدى. خېيلوڭجياڭنىڭ جىشىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، رەقەملىك مەھسۇلاتلار، ئەقلىي ئۆي جاھازلىرى، توكسىكلىت قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان بازار ئاساسى گەۋدىسى 171گە يەتتى.
مۇلازىمەت ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۈپ، ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە قولايلىق يارىتىلدى. بېيجىڭدا ئىستېمالچىلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەر بىر ئاپتوموبىلغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. شەنشىدە ھازىر 9300 دىن ئارتۇق ئائىلە بېزەكچىلىكى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى،توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى يېڭىسىنى ئاپىرىپ بېرىپ كونىسىنى ئېلىپ كېتىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. يېقىندا، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلار «ئىككىنى يېڭىلاش»، «دۆلەت تولۇقلىمىسى» سىياسىتىنى يېزا-كەنتلەرگە يۈزلەندۈردى. سىچۈەننىڭ ميەنجۇدا يەرلىك ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كارخانىلار پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قولاي يىغىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەمەلىي نەپ ۋە قولايلىقنى يېزا ئاممىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، يېزا بازارلىرىنىڭ ئىستېمال ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغىتىلدى

«ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغىتىلدى