1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-12 10:50
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۆمۈر يول تۈرى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول ساھەسىدە مۇقىم مۈلۈككە 131 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئېشىپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكىلىك رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش، رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىنغان.
1-پەسىلدە، جېڭجۇ-كەيفېڭ شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولىدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى؛ شاڭخەي جەنۇبىي ۋوگزالى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يېڭى قىياپەتكە كىردى؛ شېنجېن-جەنجياڭ تۆمۈر يولىنىڭ ۋۇچۈەن ۋوگزالى، مېيجۇ-شەنتۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ چاۋئەن ۋوگزالىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تاماملاندى؛ لەنجۇ-جاڭيې يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ جۇڭچۈەن ئايرودۇرۇمى شەرقىي ۋوگزالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. نىڭشيادا يىنچۈەن-بايانخات تۆمۈر يولى باۋتۇ-لەنجۇ تۆمۈر يولىدىن ھالقىغان ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكنىڭ تۇنجى «T» شەكىللىك لىم قۇرۇلۇشى تاماملاندى؛ خېنەندە، پىڭدىڭشەن-لوخې-جۇۋكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى لوشاڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستى قۇرۇلمىسى پات ئارىدا قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ. خۇبېيدا، خېفېي-ۋۇخەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ خۇجياۋەن چوڭ كۆۋرۈكى ئۈستۈنكى قۇرۇلما قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.
دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتنىڭ «ئىككى مۇھىم» تۈرىنى قوللاش سىياسىتىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالتۇن پەسلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆمۈريول نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى