ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مىقدارى 100 مىليوندىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-12 10:52
مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى 8- ئايدا كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرگەن، كارخانا جەمئىيەتلىرى پائال ئاۋاز قوشۇپ، بەس-بەستە كۈچ چىقارغان، 4- ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ئىستېمالچىلار كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان مەھسۇلات 100 مىليون 350 مىڭغا يەتكەن.
بۇ يىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدە «كۈچنى زورايتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تولۇقلىما بېرىلىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تۈرى«N+8» تۈرىدىن «N+12» تۈرىگە كۆپەيتىلىپ، ھەر بىر كىشىگە تولۇقلىما بېرىلىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سانى ئۈچكە كۆپەيتىلىپ، تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى ۋە سىياسەت تەرتىپى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى. ھازىرغىچە، يەرلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن 7000 مەيداندىن ئارتۇق تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، پۈتۈن يىلدا تەخمىنەن 30 مىڭ مەيدان قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى.
ئاساسلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىمۇ جايلارنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشىغا پائال قاتناشتى. كېيىنكى قەدەمدە، سودا مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودا مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مىقدارى 100 مىليوندىن ئاشتى

سودا مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مىقدارى 100 مىليوندىن ئاشتى