ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ تەرەپ بىرلىكتە تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ بازارنى كېڭەيتىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-13 09:49

ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى قالايمىقان يولغا قويۇشىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سودا مىنىستىرلىقى ئىچكى-تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، نۇقتىلىق سودا تاللا بازارلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تاشقى سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكى بازاردا سېتىلىشىغا ياردەم بەردى.
ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېنىك سانائەت ئۆي جاھازلىرى، تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش، بەش كان خىمىيە سانائىتى، يېمەكلىك، يەرلىك چارۋا قاتارلىق ئىمپورت- ئېكسپورت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە جۇڭگو سودا بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى، جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى، جۇڭگو زەنجىرسىمان تىجارەت جەمئىيىتى، جۇڭگو تۈرلۈك ماللار سودا جەمئىيىتى قاتارلىق بەش چوڭ ساھە ۋە ئوبوروت جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتىپ، داڭلىق ماركىلارنى جىپسىلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
جىڭدۇڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئېكسپورتنى ئىچكى قىسىمدا سېتىشقا ئۆزگەرتىدىغان مەھسۇلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىپ، ئېكسپورتنى ئىچكى قىسىمدا سېتىشقا ئۆزگەرتىدىغان ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىدۇ. ئالى، دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، كۇەيشۇ قاتارلىق 14 ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى زاكاز بويىچە بىۋاسىتە قېزىش، تاشقى سودا مەخسۇس رايونى، ئېقىم مىقدارى جەھەتتىن قوللاش، يېشىل يول قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى تەدبىرنى يولغا قويىدۇ. يۇڭخۇي تاللا بازىرى، خۇارۈن ۋەنجيا قاتارلىقلار تاشقى سودا كارخانىلىرىغا «ئىچكى قىسىمدا سېتىش» بىۋاسىتە يولى ئېچىپ بېرىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى بازاردا سېتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有