5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى
5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خەيكۇدا رەسمىي ئېچىلدى، بۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى چوڭ خەلقئارالىق كۆرگەزمە.
بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمال كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، گۈزەل تۇرمۇشنى تەڭ يارىتىش» بولۇپ، كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 160 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ، 71 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4100 دىن ئارتۇق كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇ رەقەملىك ئىستېمال، ساغلام ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال قاتارلىق گۈللەنمە ئىستېمال ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىر كۆرگەزمىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەيدان- سارايلاردا كۆچمە چىقىم قىلىش، چەت ئەل پۇلىنى ئالماشتۇرۇش، رەقەملىك خەلق پۇلى ئارقىلىق چىقىم قىلىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك چىقىم قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت