ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار، تارماقلار بورانلىق ناچار ھاۋا رايىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، شەھەرنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-13 10:07

ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىدە 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كەڭ دائىرىدە بوران چىقتى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، چاڭ-توزان  پەيدا بولدى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 11 بالدىن ئارتۇق ئۆتكۈنچى بوران چىقتى. مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە داۋاملىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بوران ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى: مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 8 دىن 14-كۈنى سائەت 8 گىچە، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا شەرقى، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې-خۇەيخې دەريا ۋادىلىرى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەريا ۋادىلىرى ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ شىمالىي قاتارلىق جايلاردا 5 بالدىن 7 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 8 بالدىن 10 بالغىچە بولىدىكەن. جايلار ۋە تارماقلار پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
4-ئاينىڭ 12-كۈنى  سائەت 19 غىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باغ-ئورمان كۆكەرتىش سىستېمىسى چارلاش-خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىمىدىن جەمئىي 29 مىڭ 629 ئادەم (قېتىم)، ئاپتوموبىلدىن 4394 (قېتىم) ئاجرىتىپ، بوراندا ئىگىلىپ كەتكەن-ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 1202 تۈپ دەرەخنى دەرھال بىر تەرەپ قىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش قوماندانلىق تارمىقىنىڭ مەخسۇس خادىمى ۋاڭ شىن: پۈتۈن شەھەردە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىدى، سۇ، توك، گاز، ئىسسىقلىق ۋە تاۋار تەمىناتى نورمال بولدى. بىز ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىمىز، تۇيۇقسىز ئەھۋال كۆرۈلسە دەرھال بىر تەرەپ قىلىمىز، دېدى.
دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولى، بېيجىڭ-شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، بېيجىڭ-گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، شىجياجۇاڭ-تەييۈەن يولۇچىلار مەخسۇس پويىزى ۋە تاغلىق رايونلاردىكى ئادەتتىكى تۆمۈر يوللاردىكى قىسمەن يولۇچىلار پويىزىنى قىسمەن توختىتىش، شەھەر ئەتراپى تۆمۈر يولى S2، S5، S6 نىڭ ھەممىسىنى توختىتىش تەدبىرىنى قوللاندى. دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ ئىدارىسى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ليۇمىڭ تونۇشتۇرۇپ: بوراننىڭ تۆمۈر يول قاتنىشىغا بولغان تەسىرىگە قارىتا، دەرھال بىرلەشمە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۈرۈش لايىھەسىنى جانلىق تەڭشەپ، قاتناشتىن توختىغان پويىزلار ھەققىدە يولۇچىلارغا دەرھال ئۇچۇر ئەسكەرتىشى بەردۇق، دېدى.
شىمالىي جۇڭگو ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش مەركىزى تېرمىنال باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى ۋېنفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قايتا ئۇچۇش، قونۇش، ھاۋادا ساقلاش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ بېيجىڭ تېرمىنال رايونىنىڭ ئومۇمىي ئېقىم مىقدارىغا بولغان تەسىرىگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ، نۆۋەتچىلىك كۈچىنى ۋاقتىدا ئاشۇردۇق.
رېلىسلىق قاتناش جەھەتتە، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇنجى قېتىملىق پويىزدىن باشلاپ، بېيجىڭ مېتروسىنىڭ نۇرغۇن لىنىيەلىرىدە قاتناشنى توختىتىش تەدبىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
بورانلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خېنەندىكى نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلەكلىرىدە قاتناشقا چەكلىمە قويۇلدى، نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى كېچىكتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى بوران چىقىش، تېمپراتۇرا تۆۋەنلەشكە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خېنەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. تەيكاڭ ناھىيەسى ماۋجۇاڭ بازارلىق يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوراندىن كېيىن دېھقانلار پارنىكنىڭ يۈزىدىكى چاڭ-توزانلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، پارنىكنىڭ نۇر ئۆتۈشچانلىقىنى ياخشىلاپ، پارنىكنىڭ كۈن نۇرى چۈشۈش ۋە تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.
خېنەن ئۆلكىلىك ھارا رايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لۈ شياۋنا تونۇشتۇرۇپ: 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خېنەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يەنىلا بوران چىقىدۇ. پۈتۈن ئۆلكىدە 8 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بوران سەل ئاجىزلايدۇ، لېكىن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدا يەنىلا 8 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ. كىشلەرگە سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، سىرتتا مەشغۇلات قىلىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىمىز، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار، تارماقلار بورانلىق ناچار ھاۋا رايىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، شەھەرنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىدە 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كەڭ دائىرىدە بوران چىقتى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، چاڭ-توزان پەيدا بولدى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 11 بالدىن ئارتۇق ئۆتكۈنچى بوران چىقتى.