شىنجاڭ بىپايان قۇم بارخانلىرىنى تۈزەپ يېشىللىق بەرپا قىلدى
*سەھەردە، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسى چىرا قۇملۇق تەتقىقات پونكىتىنىڭ كۆزىتىش مەيدانىدا، زېڭ فەنجياڭ تۇپراقنىڭ سۇ تەركىبىنى تېز ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئېلىپ، يېڭىدىن تىكىلگەن قاتار كەتكەن سۆكسۆك مايسىلىرىنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، دىئامېتىرى، ئېگىزلىكى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەپسىلىي خاتىرىلىدى. كۆزىتىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىشخانىغا كىرىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، يېقىنقى مەزگىلدىكى تەتقىقات پىلانى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ...
چىرا قۇملۇق تەتقىقات پونكىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زېڭ فەنجياڭ قۇرغاق رايون ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بىلەن شۇغۇللانغان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۆمەكنى يېتەكلەپ يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئاساس قىلىنغان قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ،17 تۈرلۈك پاتېنتنى يارىتىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى كۆچمە قۇم بارخانلىرىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %40 تىن ئاشۇردى، بۇنىڭدىكى نەتىجە شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا كېڭەيتىلدى.
تەتقىقات پونكىتى جايلاشقان چىرا ناھىيەسى ئىلگىرى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۈچ قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا كۆچمە قۇم بىر مەھەل چىرا ناھىيە بازىرىغا 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە قىستاپ كەلگەن. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايتى. شۇنىڭ بىلەن 1983 - يىلى چىرا قۇملۇق تەتقىقات پونكىتى قۇرۇلغان.
1997-يىلى 7-ئايدا 31 ياشلىق زېڭ فەنجياڭ شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، چىرا قۇملۇق تەتقىقات پونكىتىغا يېتىپ كېلىپ، پونكىتتىكى تۇنجى ئاسپىرانت بولۇپ قالدى. زېڭ فەنجياڭ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا پونكىتتىكى بىردىنبىر سۇ مەنبەسى بىر چوڭقۇر قۇدۇق ئىدى، لېكىن توك بىلەن تەمىنلەش بەزىدە ئۈزۈلۈپ، بەزىدە داۋاملىشىپ تۇرغاچقا، دائىم سۇ توختاپ قالاتتى. ئۇ چاغدا كۆپچىلىك ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت مىنىپ سۇلياۋ چېلەكنى ئېلىپ، بەش كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئەتراپتىكى كەنتكە سۇ ئالغىلى باراتتى.
پونكىتنىڭ بىردىنبىر قاتناش قورالى كونا جىپ ماشىنا ئىدى. 1998-يىلىدىكى بىر ياز كېچىسى جىپ ماشىنىدىن كاشىلا چىقىپ، قۇملۇققا چوڭقۇر پېتىپ قالغاچقا، بىر توپ كىشىلەردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. ئۇ: ئۇيغۇر يۇرتداشلار تراكتورنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى، يەنە بىزگە بىر نەچچە نان بېرىپ: ئالىم بالا، قورساق تويسا،ئاندىن ئىش قىلىدىغان كۈچ بولىدۇ، دېدى.
ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى زېڭ فەنجياڭنىڭ قۇملۇقتا يىلتىز تارتىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. لېكىن نېمە ئۆستۈرگەندە قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى توسقىلى بولىدۇ؟ زېڭ فەنجياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىزدىنىش ئارقىلىق 100 خىلدىن ئارتۇق چۆللۈك ئۆسۈملۈكى ئىچىدىن جۇزغۇن، يانتاق، يۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈك قىلدى. ئەمما كېيىنكى ئۆستۈرۈش سىنىقى ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئەتىيازدىكى بىر مەيدان بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن تىكىلگەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر كۆچمە قۇم ئاستىدا قالدى. يۇرتداشلار گۈرجەكنى ئېلىپ قۇمنى تازىلىغاچ، ئامالسىز بېشىنى چايقىدى.
شۇنىڭ بىلەن زېڭ فەنجياڭ ۋە بارلىق پەن ـ تەتقىقات خادىملىرى شۇ جايدىكى ئاممىنى يېتەكلەپ، چىرانىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۆزگىچە تېخنىكا ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى: جىلغا دەريا توسمىسى ئەڭ ئالدىدا بولغاچقا، كۆچمە قۇمنى توستى؛ پاكار چاتقال ئوت ـ چۆپلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇردى؛ سۈنئىي چاتقال، تار بەلۋاغلىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى قۇم ـ بوراننى توستى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەندىزە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، تېخىمۇ كۆپ رايونلارنىڭ«قۇم ئىلگىرىلەش، ئادەم «چېكىنىش» تىن يېشىللىق ئىلگىرىلەش، قۇم «چېكىنىش »كە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.
زېڭ فەنجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئېكولوگىيە + كەسىپ» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، 38 مىڭ مو قۇملۇق كەسپى بازىسى چىرادا قۇرۇلۇپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 3000 يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.
زېڭ فەنجياڭنىڭ تىرىشچانلىقى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى، ئۇ 2013 - يىلى «مەملىكەت بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئون چوڭ ئۈلگە» بولۇپ باھالاندى. زېڭ فەنجياڭ:«قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ھەر بىر تۈپ ئۆسۈملۈكنى يۇرتداشلارنىڭ يېشىل بانكىسى»غا ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ نىشانىمىز، شۇنداقلا قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. قوغداش بىلەن تەرەققىياتقا تەڭ ئېتىبار بەرگەندىلا، ئادەم بىلەن قۇملۇقنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا