ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-13 12:29


*دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تېز يوللانما مىقدارى 50 مىليارد پارچىدىن ئاشقان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچ قوشۇشىغا ئەگىشىپ، رەقەملىك مەھسۇلاتلار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاشخانا، ھاجەتخانا ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئوبوروت مىقدارى بىر قەدەر تېز ئاشقان.


*جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تۆت تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ھۆججەت چىقىرىپ، تەنتەربىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلارنى پۇل مۇئامىلە بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كەسپىي تەنتەربىيە، قار-مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق 16 تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللىدى.


*مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە ئېلىمىز ۋىلايەت، شەھەرلەرنى بىرلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرىدىن 50 نى تەسىس قىلىشنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ تەستىقلىغان، ھەر بىر ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرىگە مەركەز مالىيەسىدىن 500 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق كىلىنىكىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، بىر تۈركۈم شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملىرىنى بەرپا قىلغان.

*دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ھۆججەت چىقىرىپ، پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپىتالنى مەۋھۇم ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا مەبلەغ سېلىش، قۇرۇش ۋە تىجارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. 2027-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە مەۋھۇم ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ. مەۋھۇم ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەشيا ئوبوروت تورى تېخنىكىسى ئارقىلىق تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت، توكلىغۇچ قاتارلىق ئېلېكتىر بايلىقىنى بىرىكتۈرىدىغان ئېنېرگىيە باشقۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

*دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تېز يوللانما مىقدارى 50 مىليارد پارچىدىن ئاشقان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،