دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئايروپىلان لائوستا تۇنجى قېتىم قاتنىدى
ئېلىمىز 4-ئاينىڭ 12-كۈنى لائوس ئاۋىياتسىيەسىگە تاپشۇرغان C909 تىپلىق ئايروپىلان سودا خاراكتېرلىك تۇنجى قېتىم قاتنىدى، بۇ ئېلىمىزدە ياسالغان ئايروپىلانلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت بازىرىغا يەنە بىر قېتىم كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
سائەت 11 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، C909 تىپلىق ئايروپىلان لائوسنىڭ ۋيېنتياندىن پاكسېغا ئۇچۇپ بېرىپ، لائوستىكى تۇنجى قېتىملىق سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.
C909 تىپلىق ئايروپىلان ئېلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇربىنا قاناتلىق تارماق لىنىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى، ئۇچۇش مۇساپىسى 2225 كىلومېتىردىن 3700 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئون نەچچە خېرىدارغا C909 تىپلىق 162 ئايروپىلان تاپشۇرۇپ بېرىلدى، جەمئىي 688 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، 159 شەھەرگە قاتنىدى.
بۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزدە ياسالغان C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىمۇ بۇ يىل داۋاملىق يېڭىلاندى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ C919 تىپلىق 16 ئايروپىلانى سودا خاراكتېرلىك تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، 20 دىن ئارتۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، توشۇلغان يولۇچى 1 مىليون 700 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا