ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 100 مىليوندىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-13 12:33

مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 8-ئايدا كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى كۈچەپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مىقدارى 100 مىليون 350 مىڭغا يەتكەن.
بۇ يىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى ۋە سىياسەت تەرتىپى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى. ھازىرغىچە، ئىستېمالچىلار 12 چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق 124 مىليارد 740 مىليون يۈەنلىك سېتىشقا تۈرتكە بولدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت





中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 100 مىليوندىن ئاشتى

مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 8-ئايدا كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى كۈچەپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان،