ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» نى كەچۈرۈم قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-14 12:23

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا ئالاقىدار ئەسلەتمىنى ئېلان قىلىپ، كومپيۇتېر، ئەقلىي يان تېلېفون، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىلىرى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق قىسمەن مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان «باراۋەر تاموژنا بېجى» نى كەچۈرۈم قىلدى، جۇڭگو ئالاقىدار تەسىرنى باھالاۋاتىدۇ.
باياناتچى مۇنداق دېدى: بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، بۇ ئامېرىكا 4-ئاينىڭ 10-كۈنى قىسمەن سودا ھەمراھلىرىدىن يۇقىرى سوممىلىق «باراۋەر تاموژنا بېجى» ئېلىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرگەندىن بۇيان، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىككىنچى قېتىم تەڭشىشى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يەككە تەرەپلىك «باراۋەر تاموژنا بېجى» خاتا ئۇسۇلىنى تۈزىتىشىدىكى كىچىك بىر قەدەم.
باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر پارچە مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى»نى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئاساسىي ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا تولۇقلاش ھەمكارلىقى ۋە تەمىنات بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىگە سەل قارىغانلىق. «باراۋەر تاموژنا بېجى» 4- ئاينىڭ 2-كۈنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالىغا ئېغىر كاشىلا قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالدى.
باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بولغان مەيدانى ئىزچىل. سودا ئۇرۇشىدا ئۇتقۇچى يوق، قورۇقچىلىقنىڭ چىقىش يولى يوق. بىز ئامېرىكىنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاقىلانە ساداسىغا توغرا قاراپ، خاتالىقنى تۈزىتىش جەھەتتە چوڭ قەدەم تاشلاپ، «باراۋەر تاموژنا بېجى ئېلىش» خاتا ئۇسۇلىنى ئۈزۈل-كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتەك توغرا يولغا قايتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» نى كەچۈرۈم قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا ئالاقىدار ئەسلەتمىنى ئېلان قىلىپ،