ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كامبودژادا كۆرسىتىش باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-14 15:15

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كامبودژادا كۆرسىتىش پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى فنومپىندا باشلاندى. «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسى»، «قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگو» قاتارلىق باش ئىستانسىسىنىڭ يەتتە نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى كامبودژانىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلىدۇ.
بۇ قېتىم كۆرسىتىلىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسى»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»، «قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگو»، «گۈزەل سەنئەتتىكى جۇڭگو» قاتارلىق باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نادىر پىروگراممىلىرى كامبودژا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شيەننۈ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جىنفېڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق شۇ جايدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلىدۇ، كۆرسىتىش پائالىيىتى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كامبودژادا كۆرسىتىش باشلاندى

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى