ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

5-نۆۋەتلىك ئىستېمال كۆرگەزمىسى ئىستېمال ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-14 15:15

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى خەينەندە ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە دۇنيادىكى سەر خىل ئىستېمال بۇيۇملىرى توپلىنىپلا قالماي، مودا، پەن-تېخنىكا، ساغلاملىق، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمال كۆرگەزمىسىدە بىر ئاساسىي كۆرگەزمە مەيدانى ۋە ئۈچ تارماق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسىي كۆرگەزمە مەيدانىدا جەمئىي سەككىز كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان، 71 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4100 دىن ئارتۇق ئىستېمال ماركىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا







中央广播电视总台 央广网 版权所有

5-نۆۋەتلىك ئىستېمال كۆرگەزمىسى ئىستېمال ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلدى

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى خەينەندە ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى