ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 10 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-15 13:07
تاموژنا باش مەھكىمىسى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 10 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ،  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان، ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، تاشقى سودا مۇقىم باشلانغان.
 1-پەسىلدە، ئېلىمىزدە ئىمپورت-ئېكسپورتتا ئەمەلىي نەتىجە ياراتقان كارخانا 529 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 33 مىڭى كۆپىيىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشتى. ئەنئەنىۋى بازار سودىسى بىلەن بىر قەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقنى ساقلاش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى 5 تىرىليون 260 مىليارد يۈەن بولۇپ،  %2.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان  ئىمپورت-ئېكسپورتى  %7.1، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى  %6.9 ئاشتى. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئىستاتىستىكا ئانالىز مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ دالياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:1ـ پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورتى بىر قەدەر تېز ئاشتى، بېسىم ئاستىدا بىر قەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقنى نامايان قىلدى، بۇ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ  ئالىيلاشتۇرۇپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ، يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدا گەۋدىلەندى. 
1-پەسىلدە، ئېلىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 5 تىرىليون 850 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5.8 ئېشىپ، ئېلىمىز ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %56.8 ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.4 پوئىنت ئاشتى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 2 تىرىليون 990 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %0.4 ئېشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %29ىنى ئىگىلىدى. رايون جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىپ، تاشقى سودا يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ  نامايان قىلدى. نۆۋەتتىكى تاشقى سودا ۋەزىيىتىگە قارىتا، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىڭجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى قالايمىقان يولغا قويدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا سودىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو زۆرۈر بولغان قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەرھال قەتئىي يولغا قويدى، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

تەرجىمان : ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 10 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشتى

1- پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 10 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشتى