20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش قايتما ئىنكاسى خىزمىتى تاماملاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-15 13:17
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ج ك پ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش قايتما ئىنكاسى خىزمىتى يېقىندا تولۇق تاماملاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش قايتما ئىنكاسىدا مەركەزلىك قايتما ئىنكاس بىلەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ «بىرگە بىر» قايتما ئىنكاسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى.
مەركەزلىك قايتما ئىنكاس يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، كۆزىتىشتە بايقالغان ئورتاق مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، كۆزىتىش-تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. مەركەزنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بۇ نۆۋەت كۆزىتىلگەن 34 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، ئورۇنغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى «بىرگە بىر» قايتما ئىنكاس قىلدى.
قايتما ئىنكاستا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن ئەمەلىي تۇتۇپ، سىياسىي سادىقلىق، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق سىناش كېرەك. مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، كۆزىتىشتە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تونۇپ، ھەقىقىي قايتا ئويلىنىپ، بىرنى كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كېرەك. مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك، كۆزىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى، بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇل ساھەدىكى تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇشى كېرەك، بارلىق مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسى بولۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلىنىش كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى تۈزىتىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلار بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەپلەپ-سەپلەپ تۈزىتىش، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلىشنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىشنى ئىسلاھات روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، خىزمەت ئىدىيەسى، شەكلى ۋە ۋاسىتىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل