ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاقباشلار ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-27 13:02

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جايلار ئاقباشلار ساياھەت پويىزىنى كۆپەيتىپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، «بىر پويىز بىلەن بىۋاسىتە بېرىش، كۆپ مەنزىرىگاھلارنى بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى نەنچاڭ ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى «جياڭشى-فۇجيەن فېڭخۇا» ناملىق شىنجاڭغا بارىدىغان ساياھەت پويىزىنى يولغا سالدى. بۇ ئاقباشلار ساياھەت پويىزىدا «بىر لىنىيەدە كۆپ جاينى ساياھەت قىلىش، بىر بېلەت بىلەن ئاخىرىغىچە سەپەر قىلىش» ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، 15 كۈنلۈك مۇساپە تيانشان بوغدا كۆلى، نارات يايلىقى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئېسىل مەنزىرىگاھلارنى قاپلايدۇ. گەنجۇ ۋوگزالى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لياۋ گوشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز گەنجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ۋوگزاللارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا «ئاقباشلار مېھىر-شەپقەت يولى»نى ئالاھىدە كۆپەيتتۇق، ياش پىدائىيلارنى «ئاقباشلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ، ياشانغان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتا بىلەلمەي قالغان مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىپ، ئېغىر يۈك-تاقلارنى توشۇپ، پويىزغا چىقىرىپ قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردۇق،  ۋوگزال پويىز كۈتۈش زالىدا «مېھىر- شەپقەت ئۆتىڭى» تەسىس قىلدۇق، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، «مېھىر-شەپقەت ئۆتىڭى»گە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، جىددىي زاپاس دورىلار، AED قاتارلىقلارنى سەپلىدۇق.
«ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۆمۈر يولى.خۇاڭخېنىڭ جەنۇبى» ناملىق ئالاھىدە ساياھەت پويىزى ياخشى سەرەمجانلاشتۇرۇلدى ۋە ئازادىلەشتۈرۈلۈپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، ياخشى تاماقلار، بىر قاتار جانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى جېڭجۇ ئىدارىسى ساياھەت گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خەن جىۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش جەھەتتە، كارىۋاتلار كېڭەيتىلدى ۋە ئېگىزلىتىلدى، ھەر بىر ئايرىمخانىغا ئايرىم ھاجەتخانا ۋە مۇنچا سەپلەندى، ھەر بىر بۆلمە ۋە ھەر بىر ئورۇنغا SOS ساقچىغا مەلۇم قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى شۇنداقلا ئۆمەك بىلەن بىللە ماڭىدىغان دوختۇرلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 18 تۆمۈر يول ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى جەمئىي 75 ساياھەت پويىزى تىجارەت لىنىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم ساياھەت مەنزىرىگاھ شەھەرلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى رايونلارنىڭ «يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، سەپەر، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» جەھەتتىكى ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، ياشانغانلارنى ساياھەتكە چىقىشقا جەلپ قىلىپ ۋە قولايلىق يارىتىپ، ساياھەت پويىزى لىنىيەسىدىكى جايلار ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاقباشلار ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جايلار ئاقباشلار ساياھەت پويىزىنى كۆپەيتىپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، «بىر پويىز بىلەن بىۋاسىتە بېرىش، كۆپ مەنزىرىگاھلارنى بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتتى.