جايلار دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، ياخشىلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، خۇنەن قاتارلىق جايلار مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، ياخشىلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش سۈپىتى، تەكشۈرۈش سالمىقى، ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن مەركەزلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى. چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئىجرا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزلىك تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش-تەربىيەدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئىچكى موڭغۇل باۋتۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ يۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرىمىز.
لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم باشلامچىلىق بىلەن شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، تۈزەش، تۈزىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ جېنخۇا مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نوقتىنى ئۆگىنىش-تەربىيە باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، ياخشىلاشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇشى، ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.
خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ئۆگىنىش، تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپە تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، 22 نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئۆگىنىش ۋاقتى ۋە كونكرېت تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەركەز مەركەزلىك تۈزەشنى ئايدىڭلاشتۇرغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، باشلامچى تارماقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە تۈزەپ تەرتىپكە سالدى. خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې جۈنفېڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويىمىز ۋە مەركەزلىك تۈزەيمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت