گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارى ئاياغلاشتى
137-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاياغلاشتى. يەرمەنكىدە جۇڭگو كارخانىلىرى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئەقلىي ئۆي جاھازلىرى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، دۇنيادىكى سودىگەرلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تاللىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.
137-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق كۆرگەزمىسىدە، كىچىكى ئۆي جاھازلىرى زىننەت بۇيۇملىرىدىن چوڭى مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغىچە ھەممە يەردە مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېشىللاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشقان كارخانىلار ئىچىدە %56 كارخانا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ساھەدە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، كەشپىيات قاتارلىق پاتېنتقا ئىگە، %60 تىن ئارتۇق كارخانا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىنغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مەھسۇلات 880 مىڭغا يەتتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت