كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمال مەنزىرىسى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىقتىسادىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى
جايلار ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى چۆرىدەپ بىر قاتار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمال مەنزىرىسى ئارقىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىقتىسادىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.
ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تيەنجىن شەھىرى 300 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىدى، سەككىز چوڭ تېما، 80 تۈرلۈك نۇقتىلىق پائالىيەتنى نۇقتىلىق يولغا قويىدۇ. خەيخې دەرياسى بويى ۋە ئىككى قىرغىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ئىمارەتلەرنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا بايلىقىنى يۇغۇرۇپ، خەيخې دەرياسى ساياھەت بەلبېغىنى بەرپا قىلىدۇ. خەيخې دەرياسى بويىدىكى سودا كارخانىلىرى بىر قاتار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئىستىراھەت-كۆڭۈل ئېچىش، چۆكمە ھېس قىلىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىل تاللاشقا ئىگە قىلىدۇ. مەلۇم سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ مەسئۇلى پەن سۇڭفېي مۇنداق دېدى: غەربىي مەيداندىكى خەيخې دەرياسىدا ئىككى قەۋەتلىك ساياھەت پاراخوتى پىرىستانى ئاچتۇق، ساياھەت پاراخوتىدىكى ساياھەتچىلەر پاراخوت بېلىتى ئارقىلىق سودا سارىيىمىزغا كېلىپ مەخسۇس ئىستېمال ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ، بۇ پۈتۈن سودا سارايدىكى مېھمانلارنىڭ %20 ئېشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئەنخۇينىڭ خۇاڭشەن كۆكلەم سەيلىسى قىلىپ دالىدا قونۇش، ئېسىل تائاملارنى ھېس قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، چاي ئۈزۈش، تەتقىق قىلىش- ئۆگىنىش، تەنھەرىكەت-ساغلاملىق، سەنئەت كۆرىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق 59 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەت قىلىپ سۈرەتكە تارتىش، كەنت قەھۋەخانىسىدىن مۇزىكا كېچىلىكى، تۆۋەن بوشلۇقتا ساياھەت قىلىشقىچە، ساياھەتچىلەرنى باھار كۈنىدە تېخىمۇ كۆپ خاسلاشقان ساياھەت مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، «كېچىلىك ساياھەت» قىزغىنلىقىمۇ داۋاملىق ئاشتى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئەنخۇينىڭ مائەنشەندىكى چاڭجياڭ دەرياسى كېچە بولماس شەھەر كوچىسىدا ھەر كۈنى يۈز مەيدان ئۆزگىچە ئويۇن قويۇلىدۇ ھەمدە تىجارەت ۋاقتى كەچ سائەت 10 يېرىمغىچە ئۇزارتىلىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى كېچە بولماس شەھەر ماركىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەر كۈنى نەپىس جۇڭگو مودا بۇيۇملىرى ئويۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، تۆمۈر ئۇچقۇن، ئوت چۆگۈن قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتتىن چېچەك بىلەن پۈركەنگەن رومانتىك شاپتۇللۇق، گۈللۈك پانۇس سەيلىسىگىچە، ساياھەتچىلەرگە رومانتىك ساياھەت ھېس قىلدۇرىلىدۇ.
بۇ ماي بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئالاھىدە پائالىيەتلەر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى «1ـ ماي» كارنىۋالى، مىدۇڭ رايونىدىكى كېچىلىك ساياھەت، خەلقئارا چوڭ بازاردىكى كۆپ مىللەت ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنلىرى ئاممىنىڭ دەم ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان تولۇن ئاي شەھەرچىسى مەنزىرە رايونىمۇ ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دەرىجىسى ئۆستۈرىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت مەسئۇلى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: بىز تىيانشان تولۇن ئاي شەھەرچىسىدىكى چامباشچىلىق بازىرىدىن يىپەك يولى ئويۇنىغىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر كېلىدىغان رايونغا كۆپ گۇرۇپپىلىق چامباشچىلىق پانۇسى ئېسىپ، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى ھەمتۈرتكىلىك چامباشچىلىق قەھرىمانلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ ۋېيچېڭ: ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى مول، كۆپ مەنبەلىك يادرولۇق پائالىيەت ماترىتساسىنى بەرپا قىلىپ، 16 باش تېمىنى چۆرىدەپ، 100 مەيدانغا يېقىن مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت