ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت قىسقا خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-27 13:28

*دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى4-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى:«14-بەش يىل»دىن بۇيان مەركەز مالىيەسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغىدىن چېگرا رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا جەمئىي 25 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىك قاتارلىق چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردى. #
*دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دوراگەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دوراگەرلىك بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە 3 مىليون 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئەۋرىشكە يىغىلىپ، 207 يېڭى تۈر بايقالغان، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەخمىنەن %65 يېڭى تۈر دورىلىق قىممەتكە ئىگە ئىكەن.
*ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو (ئەنخۇي) پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش يەرمەنكىسى 4-ئاينىڭ 26 -كۈنى باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش يادرو، ئۆزلەشتۈرۈش سودىسى ئاخىرقى نۇقتا قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن 1606 تۈر، پەن-تېخنىكا نەتىجىسىدىن 4280 تۈر قوبۇل قىلىنغان، بۇ  ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپكەن. باشلانغان تۇنجى كۈنى 400 تۈر تۇتاشتۇرۇلدى، تۇتاشتۇرۇش سوممىسى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت قىسقا خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى4-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى:«14-بەش يىل»دىن بۇيان مەركەز مالىيەسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغىدىن چېگرا رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا جەمئىي 25 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىك قاتارلىق چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردى.