15-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى ئاياغلاشتى، «تيەنتەن مۇكاپاتى»نىڭ 10 چوڭ مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى
15-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئاياغلاشتى، يېپىلىش مۇراسىمىدا «تيەنتەن مۇكاپاتى» بويىچە ئون چوڭ مۇكاپات ئېلان قىلىندى.
بۇ نۆۋەتلىك «تيەنتەن مۇكاپاتى»نىڭ ئەڭ ياخشى فىلىمىگە نورۋېگىيەنىڭ «مۇھەببەتنىڭ ۋاقىتلىق توختاش كۇنۇپكىسى» ناملىق فىلىمى ئېرىشتى، بۇ فىلىم يەنە ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى، ئەڭ ياخشى سىنارىست مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ نۆۋەتلىك «تيەنتەن مۇكاپاتى»غا تاللانغان 15 فىلىم ئىچىدە جۇڭگونىڭ «ھەممە ئىش ياخشى»، «بوران»، «كۆڭۈلدىكىدەك ئاشخانا» دىن ئىبارەت ئۈچ فىلىمى بار. داڭلىق ئورۇنلاش سەنئەتكارى، خەلق سەنئەتكارى تيەن خۇا ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت