ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-27 13:30

2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئەتىيازلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى» داۋاملىق قانات يايدۇرۇلماقتا،  ھەر قايسى تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى تەمىنات  بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى.
ھازىر، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپنىڭ تەكلىپ قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى مەكتەپكە كىرىپ تەكلىپ قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «مىڭ مەكتەپ، ئون مىڭ كارخانا تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنى تۇتاشتۇرۇش يىغىنى»دا، تەكلىپ قىلىش كارخانىسىنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى تاڭ مېڭچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىمىز ئاساسلىقى مالىيە باشقۇرۇش تۈرى، قانۇن، تىل تۈرى، بوغالتىرلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەسلىھەت سوراپ، ئىنتايىن قىزىققانلىقىنى بىلدۈردى.
غەربىي جەنۇب قاتناش داشۆسى سۈنىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش AI ياردەمچىسى ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 24 سائەت ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. 2025-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان شيې زېڭشيەن مۇنداق دېدى: مەن AI ئارقىلىق كەسپىمگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى ۋە خىزمەتنى تەكشۈرىمەن، ئۇ ماڭا كېلىشىمنامىدىكى قايسى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، كېلىشىم ئىمزالاش تەرتىپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ، ماڭا بىر قەدەر ياخشى تەكلىپ بەردى.
شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ مىڭ: مەكتىپىمىز ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان نۇقتىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش، ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىدۇ، دېدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئەتىيازلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى» داۋاملىق قانات يايدۇرۇلماقتا،