«ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىش»نىڭ قىزغىن پەسلى باشلاندى
4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بۇ يىللىق تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى، ئىجارە ئايروپىلان ئۆمىكى قاتارلىقلارنى كۈتۈۋالدى، جايلار «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىش»نى بەس-بەستە چۆرىدەپ يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلدى.
بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى ھەم ساياھەت كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇقتىلىق ساياھەتچى مەنبەلىرىگە بالدۇر بېرىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت جەھەتتىن تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، شۇ جايلاردىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى، تور ساياھەت سۇپىلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى.
شىنجاڭ داۋەنجيا راۋان يول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈن جيې ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى تيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ شىمالىي ئاۋىئاتسىيە رايونىدا شياڭگاڭلىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى كۈنى مالايسىيا ساياھەتچىلەر ئۆمىكى يېتىپ كەلدى. 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاۋسترالىيە ساياھەت ئۆمىكى يېتىپ كەلدى. بۇلتۇر، بۇ شىركەت مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 16 مەيدان تور سىرتى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، بۇ يىل 30 مەيدانغا كۆپەيتىشنى پىلانلىدى. تۆتىنچى ئايدىن بۇيان بۇ شىركەت مالايسىيانىڭ يەتتە ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى. سۈن جيې شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ئۆمەكلەرنىڭ ساياھەت مەزگىلى 7-ئايغىچە تىزىلدى دېدى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، بۇ شىركەت يەنە مالايسىيادىكى 20 دىن ئارتۇق تور چولپىنى بلوگ ئىگىسىنى شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ نەزەرى بىلەن، سۈرەت، ۋىدىيو ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدە يەنە مالايسىيا تور چولپىنى بلوگ ئىگىلىرىنى شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەت قىلىشقا داۋاملىق تەشكىللەيدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى چېگرا ھالقىغان ساياھەت سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تەشكىللەپ چەتئەللەردە تونۇشتۇرۇش، چەتئەللەردىكى ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، يېڭى ئىستېمال مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: بىز دۇنياغا «يىپەك يولى مېھمانخانىسى» تەكلىپنامىسىنى سۇنۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ساياھەتچىلەرگە ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ مەنبەلىك سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردۇق، ئۈرۈمچى تيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىدارىمىز ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ئاۋىياتسىيە بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئۆتەڭ شەكلىدە ساياھەت قىلىش»نىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىپ، خەلقئارا بىرلەشمە مۇساپىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يۈك-تاقنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.
بۇ يىل، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرگە تونۇشتۇرۇشنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر ئېلىپ بېرىپ، ئەتىيازلىق چېچەك سەيلىسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەدەنىيەت-ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە، كۈنەس ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانخانىلاردا ياتاق قىس بولدى. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى يېڭى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەن مېي بىز مۇكاپاتلاش تەدبىرى ئارقىلىق، مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتتۇق دېدى.
بۇ ئىدارە «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىش، ساياھەتچىلەرنى ئوبلاستقا جەلپ قىلىش» ۋە تەشۋىقات ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجارە ئايروپىلانلىرى، مەخسۇس پويىز، چوڭ ئاپتوبۇس ساياھەت ئۆمىكى قاتارلىقلارغا مۇكاپات ۋە تولۇقلىما بەردى. ئەن مېي مۇنداق دېدى: مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى بايىنغۇلىن ئوبلاستىغا كېلىشكە جەلپ قىلىپ، ئوبلاستىن ئۆتۈپ كېتىشتىن توختاشقا ئۆزگەرتتۇق. 2025-يىلى 3-ئايدا سىياسەت ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىللىق تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۈتۈۋالدى. خۇبېي، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق جايلاردىكى 800 دىن ئارتۇق ساياھەتچى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە كەلدى. بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى جەمئىي 8 مىليون 466 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 7 مىليارد 568 مىليون يۈەنلىك ساياھەت كىرىمى ياراتتى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %18.10 ۋە %25.97 ئاشتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دۇڭ خۇيچى مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن، تەشۋىقات ئارقىلىق، تىجارەتكە سىجىل كۈچ چىقاردۇق، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشىلىدۇق، قەشقەر ۋىلايىتى «دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىش ئەسكەرتمىسى»، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت جەھەتتىكى ئەرز مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى»نى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت جەھەتتىكى ئەرزلەرگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «قەشقەردە خاتىرجەم ساياھەت قىلىش» سۇغۇرتا تۈرى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى.
شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرىگاھلىرى (نۇقتىلىرى) جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى لى لېي مۇنداق دېدى: ئەلا سۈپەتلىك بايلىق، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، بارغانسېرى كۆپ ساياھەت كارخانىلىرى شىنجاڭغا دىققەت قىلىدىغان، شىنجاڭغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان بولدى. 4-ئاينىڭ بېشىدا، جەمئىيىتىمىز شىنجاڭدىكى تۆت جايدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، 13 مەنزىرىگاھ، ئۈچ ساياھەت كوپىراتىپىنى دۆلەت ئىچىدىكى بەش شەھەردە تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللىدى، ئەسلىدە ھەر بىر جايدا 100 دىن 120 گىچە ساياھەت كارخانىسىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر مەيدانغا ئاز بولغاندا 200 دىن ئارتۇق، كۆپ بولغاندا 300 دىن ئارتۇق كارخانا كەلگەن بولۇپ، جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق ساياھەت كارخانىسى قاتناشتى. شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىش قىزغىنلىقى قوزغالدى.
خۇبېي، سىچۈەندىن كەلگەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى قومۇل شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، شېرىن قومۇل سەپىرىنى باشلىدى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى قومۇلغا كەلگەندىن بۇيان، بەش مەخسۇس پويىز جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىن 3161 ساياھەتچىنى ئېلىپ كەلدى.
قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پەن-تېخنىكا، مائارىپ ۋە تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ جيې مۇنداق دېدى: بۇ يىل قومۇل شەھىرى «تۆمۈريول + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ، پائال يېڭىلىق يارىتىدۇ. بۇ يىل 50 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى 70 تىن ئارتۇق ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ قۇمۇلغا ساياھەتكە كېلىشى مۇمكىن.
قۇمۇل شەھىرىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى يەنە بىر قاتار مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قۇمۇلدىكى ساياھەت مەنزىرىگاھلىرى، مەنزىرىگاھ ئەتراپى ۋە قاتناش لىنىيەسىدە تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بەردى.
شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت كارخانىلىرى بۇ يىل چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭدىن يولغا چىقىپ چېگرا ھالقىغان ساياھەتكە تەشكىللەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ساياھەت بازىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.
شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپى جاڭ شياۋيۈ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرا ھالقىغان ساياھىتى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىدىغان بىر يېڭى يارقىن نۇقتا شۇنداقلا شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى. «100 ئۆي ئاپتوموبىل شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەتكە بېرىش پائالىيىتى» ماي بايرىمى مەزگىلىدە باشلىنىدۇ، نۆۋەتتە، جەمئىيىتىمىز گۇاڭجۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ساياھەتچى مەنبەلىرىدە ساياھەتچى جەلپ قىلماقتا. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2025-يىللىق مەملىكەتلىك يەرلىك ساياھەت جەمئىيەتلىرى سۆھبەت يىغىنى ۋە ساياھەت ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتى باشلامچى بولۇپ ۋە شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق ساياھەت كارخانىلىرىنى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ساياھەت بايلىقىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى، بۇ يىل، بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چېگرا ھالقىغان ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «جۇڭگو شىنجاڭ + ئوتتۇرا ئاسىيا»نى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋە خەلقئارا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان دۇنياۋى ساياھەت لىنىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىمىز.