بايرامدا رەڭدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ ھەممە شادلىققا چۆمدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-03 14:17
دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، كىشىلەر دۈەنۋۇ بايرىمى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى بەختلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلاندى.
دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ئۆزگىچە پائالىيەتلەر مول مەزمۇنلۇق بولدى. خۇاڭخې دەرياسى خۇكۇ شاقىراتمىسى ياز پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى+مەدەنىيەت ساياھىتى» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ئالاھىدە يولغا قويدى، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، خۇكۇدوۋ دۇمبىقى قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەر نۆۋەت بىلەن ئوينالدى. سەنشى تەييۈەندە جىنسى مۇزېيى ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونى بىرلا ۋاقىتتا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، كىشىلەر بۇ يەردە ئۇسسۇل ۋە مىللىي مۇزىكا نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇيۇملىرىنى ياساش پائالىيىتىگە قاتناشتى، چىڭخەي كۆلىدە، ساياھەتچىلەر كۆل بويىدا ئۇسسۇل ئويناپ، كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، ئالا باش ياۋا غاز، قوڭۇر باش چايكىلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ، ئېكولوگىيە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى. دۈەنۋۇ بايرىمىدا، گۇيجۇ چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ شىبىڭ ناھىيەسى مىڭ كىشىلىك ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، ئەجدىھا قولۋاقنى دەرياغا چۈشۈرۈش، ئۆردەك تالىشىش، ئون مىڭ كىشىلىك ئۇزۇن ئۈستەل زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقىنى ھېس قىلدى. خېيلوڭجياڭ شۇاڭياشەندىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، 70 مو يەردىكى قىچا بەس-بەستە چېچەكلەپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. خۇبېينىڭ ۋۇخەندە ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، 100 خىلدىن ئارتۇق ماشىنا ئادەم مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە دەم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى.
دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى كېچە ساياھىتىمۇ ئوخشاشلا ئېسىل بولدى. يۈننەننىڭ ئىشەن ناھىيەسى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مىڭ يىللىق ھۈنەر-سەنئەت بىلەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىرلەشتۈرۈلگەن مەدەنىيەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى. خۇاڭخەي ساھىلىغا جايلاشقان جياڭسۇنىڭ رۇدۇڭدا پەن-تېخنىكا بىلەن رومانتىكلىق يۇغۇرۇلغان ساليۇت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايرام كەيپىياتى تېخىمۇ جانلاندى. شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلدى، 1000 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، كېچە ئاسمىنىدا ھەر خىل چىرايلىق شەكىللەر چىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسى: دۈەنۋۇ بايرىمىلىق ئۈچ كۈن دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چېگرىدىن كىرىپ چىققانلار 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئاۋمېندىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلار زۇڭزا تۈگۈش، ئەمەن خۇشپۇراق بولىقى ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسىغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھېس قىلدۇردى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى