بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى
جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي سوممىسى 115 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى.
قۇرۇلمىدىن قارىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئېھتىياجى مۇقىم ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ساقلاشقا ئۈنۈملۈك تىرەك بولغان. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 4-ئايدا كۆپ ساندىكى كەسىپ ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى سىجىل ئاشقان، 41 چوڭ تۈردىكى كەسىپنىڭ ئېشىش دائىرىسى %87.8 كە يەتكەن، بولۇپمۇ جابدۇق ياسىمىچىلىق ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %9.8كە يەتكەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىققا ئالاقىدار ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان. جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈخاڭ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ياسىمىچىلىق ۋە ئالاقىدار ياسىمىچىلىق ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى شۇنداقلا تەييار مەھسۇلاتنىڭ بۇ خىل ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى يەنىلا ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى، بۇ پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
1-ئايدىن 4 - ئايغىچە ئىدارە ۋە ئاھالىلەرنىڭ ماددىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئېشىپ، 1-پەسىلدىكىدىن 0.1 پوئېنت كۆپ بولدى. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ۋىدېيو، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، ۋاقتىدا پارچە سېتىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ياردەمچى كۈچ بولدى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى مۇقىم ئاشتى. توردا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، 1- پەسىلدىكىدىن 0.1 پوئېنت ئۆستى. بېيجىڭ ماددىي ئەشيا شۆيۈەنى ئەشيا ئوبوروتى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جياڭ شۈ مۇنداق دېدى: ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستېمالنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسى كېڭەيتىلىپ، ئۈنۈمنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، شۇنداقلا ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇندى.
1-ئايدىن 4-ئايغىچە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش سوممىسى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %51.6 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 پوئېنت ئاشتى؛ 4-ئايدا بۇ كۆرسەتكۈچ %53.6گە يېتىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ليۇ يۈخاڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى مۇقىم ئاشتى. ئەشيا ئوبوروت بازىرىنىڭ كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيدى، ئەشيا ئوبوروتىدا ماددىي بۇيۇم توشۇش مىقدارى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.
ليۇ يۈخاڭ مۇنداق دېدى: ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى چۆرىدەپ ئۇل ئەسلىھەلەرگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئورۇندىلىش سوممىسى، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھەلەرگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ياخشى بولدى. بۇ خىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئايلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولغىلى بولىدۇ
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى