2025-يىللىق مەملىكەتلىك «مۇلازىمەت ئىستېمال پەسلى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىچكى-تاشقى سودىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى
سودا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان 2025-يىللىق مەملىكەتلىك «مۇلازىمەت ئىستېمالى پەسلى» پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا «2025-يىللىق مەملىكەتلىك مۇلازىمەت ئىستېمالى پەسلى لايىھەسى» ئېلان قىلىندى، 160 نەچچە تۈرلۈك نۇقتىلىق پائالىيەت مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ.
2025-يىللىق مەملىكەتلىك «مۇلازىمەت ئىستېمال پەسلى» پائالىيىتى 6-ئايدا باشلاندى، يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. مەركەزدىكى 12 تارماق، مەملىكەت خاراكتېرلىك 13 كەسپىي جەمئىيەت، جايلار ۋە باش سۇپا كارخانىلىرى پائال قاتنىشىپ، 160 تىن ئارتۇق نۇقتىلىق پائالىيەتنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرىدۇ. سودا مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كۇڭ دېجۈن مۇنداق دېدى: ئوخشىمىغان ياش باسقۇچىدىكى ئىستېمال توپىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا قارىتا، يېمەك ـ ئىچمەك، ياتاق، ئائىلە مۇلازىمىتى، كۈتۈنۈش قاتارلىق 10 نەچچە ساھەدە ئىستېمال يېڭى قىزىق نۇقتىسى يېتىلدۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت ئىستېمالى ئومۇمىي خورىنى ياڭرىتىمىز.
كۇڭ دېجۈن يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 2025-يىللىق مەملىكەتلىك «مۇلازىمەت ئىستېمال پەسلى» پائالىيىتىدە تور ئىچى ۋە سىرتىدا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، ئېتىبار كارتىسى تارقىتىش قاتارلىق سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەمىنات، مەنزىرە ۋە ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارى قوزغىتىلىدۇ.
كۇڭ دېجۈن مۇنداق دېدى: بىر تۈركۈم پائالىيەتلەردە مۇلازىمەت ئىستېمالى ساھەسىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا، مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتلار نامايان قىلىنىدۇ، بەزى جايلار يېڭى مۇسابىقە، يېڭى تىياتىرلارنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم يېڭى دۇكانلارنى ئېچىپ، يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرى، يېڭى، ئۆزگىچە تائاملارنى كېڭەيتىدۇ؛ سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قۇرۇلۇشى يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، چۆكمە، ھەمتۈرتكۈلۈك، ئەقلىي، خاسلىقى بار يېڭى تەسىراتلار كېڭەيتىلىدۇ؛ بىر تۈركۈم كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار ئىستېمال كوچىسى، دالا ھەرىكىتى مەنزىلى، ئويۇن قويۇش بازىسى قاتارلىق ئىستېمال ۋاسىتىلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى