ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3-دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-04 12:08

دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3-دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىدا بالىلار بۆلۈمى تەسىس قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، كەلگۈسىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېگىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە داۋالاش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
بۇ يىل جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر توپىغا قارىتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوۋ ياڭبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، 0 ئايلىقتىن 36 ئايلىققىچە بولغان بالىلار جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاش ئاساسىي مۇلازىمەت بوغچىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تەسىس قىلىش ۋە مەخسۇس بۆلۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام جۇڭگو تېبابىتى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرلدى.
ئوۋ ياڭبو مۇنداق دېدى: 2024-يىلى، 0 ئايلىقتىن 36 ئايلىققىچە بولغان جەمئىي 25 مىليون 970 مىڭ بالا يېمەك ئىچمەكنى تەڭشەش، يېتىپ قوپۇش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى. ماس قەدەمدە بىر تۈركۈم بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى دۆلەت جۇڭگو تېبابىتىدە ئەۋزەل مەخسۇس بۆلۈمى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلدى. كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت جۇڭگو تېبابىتىدە ئەۋزەل مەخسۇس بۆلۈمى قۇرۇشنى باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، 2025-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 3-دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىدا بالىلار بۆلۈمىنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 2-دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىنىڭ %80تىن كۆپرەكىدە بالىلار بۆلۈمى تەسىس قىلىنىدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېگىلىش قاتارلىق ئېلىمىزدىكى بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان مۇھىم ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئارقىلىق داۋالاش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى.
ئوۋ ياڭبو مۇنداق دېدى: 23 ۋىلايەت، شەھەرنىڭ بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ سېمىزلىك كېسىلىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئارقىلىق داۋالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلدى، 26 ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئۈچ ئۆلكىدە بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېگىلىشنى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئارقىلىق داۋالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 60 جۇڭگو تېبابىتى مۇۋاپىق تېخنىكىسى ئارقىلىق بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا پائال ئىلگىرىلەش بولدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3-دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3-دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىدا بالىلار بۆلۈمى تەسىس قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، كەلگۈسىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېگىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە داۋالاش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدىكەن.