ئالدىنقى تۆت ئايدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 5679 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز شەھەر-بازارلىرىدىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۆزگەرتىشنىڭ ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.
سەنشىنىڭ تەييۈەندە، شۇ جايدا بۇ يىل يېڭىدىن 18 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى، كونا ئولتۇراق رايونغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن 130 لىفىت ئورنىتىلدى، 500 دىن ئارتۇق كونا لىفىت يېڭىلاندى، يەنە بىر قىسىم كونا ئولتۇراق رايونلارنى باشقۇرۇش يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ھەل قىلىش يېڭى يولى، يېڭى چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلدى. تەييۈەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قۇرۇلۇش تۈرى مۇلازىمەت كاپالىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لېي يۇڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: «رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش» ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شارائىتى بار مەھەللىلەرنى كەسىپلەشكەن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈشكە يېتەكلەش ياكى ئاھالىلەر ئۆزى باشقۇرۇش، مەھەللە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، ئىدارە باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كونا مەھەللىلەر باشقۇرۇقسىز قېلىش، باشقۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلدۇق.
«رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش»تىن باشقا يەنە «رايون يېڭى پىلانى» تۈزۈلدى. بۇ يىل ئەنخۇينىڭ خۇاڭشەن شەھىرى دۈنشى رايونىدىكى لىلى مەھەللىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ياخشىلاش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەلققە قولاي كۆكتات بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن، كوچا دوقمۇشلىرىدا كىچىك باغچىلارنى بەرپا قىلىشقىچە مەھەللىنىڭ «بەخت كۆرسەتكۈچى»دە ئەتراپتىكى ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تايانچ نۇقتا قىلىنىپ، دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى.
بۇ يىل تيەنجىن شەھىرى شەھەر-بازارلاردىكى 39 كونا مەھەللىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئەل رايى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى. تيەنجىن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى شەھەر يېڭىلاش باشقارمىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى چېن ۋېنلى مۇنداق دېدى: ئۆزگەرتىش بىلەن شەھەر تەكشۈرۈشىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن، شۇ جاي يەنە كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزدى.
چېن ۋېنلى مۇنداق دېدى: بىز دىققەتنى ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، لايىھەلىگۈچى، ئىنژېنېرلارنى مەھەللىلەرگە كىرىشكە يېتەكلەپ، شەھەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسى بىلەن ئاممىنىڭ ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 5679 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغان؛ رايونلار بويىچە قارىغاندا، خېبېي، چۇڭچىڭ، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، خۇبېي قاتارلىق ئالتە رايوندا قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى%50 تىن ئاشقان.
2025-يىلى، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 25 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش پىلانلاندى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە،«14ـ بەش يىل»دا شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئاساسىدا، داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراق رايوندىكى كونىراپ كەتكەن تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىمىز. ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسى، سىرتقى تېمى، پەلەمپىيى قاتارلىق ئاممىۋى جايلىرىنى رېمونت قىلىش، ئولتۇراق رايون مۇھىتى ۋە يانداش ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئولتۇراق رايوندىكى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتى بار بىنالارغا لىفىت ئورنىتىشنى قوللاپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلايمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى