ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەش تارماق يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىدا بىرلىككە كەلگەن توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمى ئورناتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-05 17:16

مالىيە مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا بىرلىكتە پىكىر ئېلان قىلدى ھەمدە يولغا قويۇش لايىھەسى چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2027-يىلىغىچە، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ بىرلىككە كەلگەن توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇقىم يولغا قويۇلۇپ، ئاساسلىق بىرىنچى دەرىجىلىك تارماق ئېقىنلارنىڭ توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز مالىيەسىنىڭ سىياسەت ۋە مەبلەغ يېتەكچىلىكىدە، توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى. مەملىكەت بويىچە 20 نەچچە ئۆلكە ئۆلكە ھالقىغان ۋادىلاردا توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇ چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىق ئۆلكە ھالقىغان نۇرغۇن ۋادا (دەريا بۆلىكى) گە چېتىلىدۇ.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېنىق، ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، تۈزەش تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان جاي بىلەن مەنپەئەتلىنىدىغان جاينىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوغدىغۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش ۋە سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى دۇڭ جەنفېڭ مۇنداق دېدى: «پىكىر»نىڭ ئېلان قىلىنىشى جايلارنىڭ ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تېخىمۇ ئېنىق يېتەكچىلىك قىلدى. توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى تەرەققىياتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. قانداق قىلىپ ئىزدىنىش داۋامىدا بۇ مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەجرىبە ۋە ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش- «پىكىر»دە يەتمەكچى بولغان نىشان.
ئالاقىدار تارماقلار توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ قېتىم يەنە «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەركەز مالىيەسى ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىدا بىرلىككە كەلگەن توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالاقىدار ئۆلكىلەرنى قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ئۆلكىلەر ئارا مۇۋاپىق توغرا يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. تەجرىبە توپلانغاندىن كېيىن، باشقا نۇقتىلىق ۋادىلارغا تەدرىجىي كېڭەيتىدۇ. تولۇقلىما مەبلىغىنى بىر تۇتاش ھېسابلاپ، ئايرىم-ئايرىم بوشلۇق، ۋاقىتتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى غول ئېقىنلار چېگرا ھالقىپ ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاش كەسمە يۈزىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە شۇ ئۆلكىدىكى غول ئېقىننىڭ بارلىق كەسمە يۈزىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ياكى تۆلەم ئېلىش سوممىسى بىر تۇتاش ھېسابلىنىدۇ. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بايلىق ۋە مۇھىت سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ جىۋېن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى، بولۇپمۇ توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى ئاساسلىقى كىچىك ۋادىلاردا يولغا قويۇلاتتى، بۇ قېتىمقى «يولغا قويۇش لايىھەسى» خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى قاتارلىق چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا يولغا قويۇلدى. رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، بۇ يۇقىرى ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، شۇنداقلا تۆۋەن ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، بولۇپمۇ سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى




中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەش تارماق يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىدا بىرلىككە كەلگەن توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمى ئورناتتى

مالىيە مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى