ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى لى جەميۇڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-05 17:16

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى لى جەميۇڭغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ كورېيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە مۇھىم يېقىن قوشنىلار ۋە ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىدېئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم پەرقىدىن ھالقىپ، بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر-بىرسىنى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. نۆۋەتتە، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېزلىشىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. جۇڭگو دۇنيا ۋە رايوندىكى مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كورېيە بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى لى جەميۇڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى لى جەميۇڭغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ كورېيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.