گوۋۇيۈەن « مەملىكەت بويىچە 4-قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-06 12:34
گوۋۇيۈئەن يېقىندا «مەملىكەت بويىچە 4-قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2026-يىلى 4-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئىلمىي ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە خەلق ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەھۋالى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى قىياپىتى، دېھقانلار تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى ئۈنۈمىنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەت بويىچە 4-قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئوبيېكتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى يېزا ئاھالىلىرى، شەھەربازارلاردىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئورۇنلىرى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئىبارەت. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى، ئاشلىق ۋە ئاساسلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالى، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي ئەھۋالى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى