5-ئايدا جۇڭگونىڭ ئامباردا ساقلاش كۆرسەتكۈچى %50.5 بولۇپ، ئۇدا يەتتە ئاي كېڭىيىش دائىرىسىدە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-07 11:18
جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 5-ئايدا جۇڭگونىڭ ئامباردا ساقلاش كۆرسەتكۈچى %50.5 بولۇپ، ئۇدا يەتتە ئاي كېڭىيىش دائىرىسىدە بولدى. ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئامباردا ساقلاش كەسپىنىڭ ئېھتىياجى بىر قەدەر ياخشى بولدى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. كەسىپ ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كەسىپكارلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيدى، ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى داۋاملىق ئۆستى، ئامباردا ساقلاش كەسپىي پائالىيىتى جانلاندى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى