9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-07 11:38
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە كۈنمىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان 1400 دىن ئارتۇق كارخانا ئىچىدە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارلىق داڭلىق كارخانا، باشلامچى كارخانا 120 دىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %36 كۆپەيدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، سودا ھەمكارلىقى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يەن دۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2024-يىلى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سودا سوممىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، ئون يىلدا بىر قاتلىنىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن %6.3 كە يەتتى. جۇڭگو ئۇدا نەچچە يىل پاكىستان، بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى.
يەن دۇڭ مۇنداق دېدى: «پاكىستان بىلەن ئېكسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، مالدىۋې دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىنى يولغا قويدۇق، يېقىندا بېنگال، سىرىلانكا بىلەن سودىنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە، يورۇقلۇق ۋولت، توكلۇق ئاپتوموبىل، رەقەملىك تېخنىكا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز كېڭەيتىپ، پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
بۇ يىلدىن باشلاپ، جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى ھەر يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەرمەنكە ۋاقتى ئالتە كۈن، يەرمەنكە سارىيى 1-كۈنى كەسپىي تاماشىبىنلارغا، كېيىنكى بەش كۈندە ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. ھازىر 9-نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. يۈننەن ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ نازىرى لى چاۋۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېشىل ئېنېرگىيە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بىر قەدەر زور بولغان كەسىپلەر ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ.
لى چاۋۋېي مۇنداق دېدى: «ئىككى جەنۇبىي ئاسىيا سارىيىدا 800 گە يېقىن كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىندى، بىز يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سارىيى ۋە چېگرا سىرتى سارىيى تەسىس قىلدۇق، ھازىر 54 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كارخانا بەس-بەستە يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قاپلىدى. ياسىمىچىلىق سارىيى، قەھۋە كەسپى سارىيى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى كەسپى سارىيى قاتارلىق 11 كەسپىي ساراي تەسىس قىلىنغان بولۇپ، %70 نى ئىگىلىدى. بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك بازارلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى