ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يازلىق ئىقتىساد» دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-08 11:44

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، نۇرغۇن جايلار «يازلىق ئىقتىساد» يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يازلىق ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە، مول، كۆپ مەنبەلىك دالا تەنھەرىكەت پائالىيىتى تەدرىجىي كېڭەيدى، تۇلۇم قولۋاق، ئەجدىھا قولۋاق، دولقۇن تېيىلىش تاختىسى قاتارلىق گۈللەنمە سۇ ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرلىرى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش تەسىراتىنى بېيىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر زال ئىچى قار تېيىلىش مەيدانىغا كىرىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ زال ئىچى قار تېيىلىش مەيدانىدا، شياڭگاڭلىق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى خۇاڭ ۋېيلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە قوش تاختىدا تېيىلىپ ئوينىغىلى، تۆۋەن تەرەپتە يەككە تاختىدا تېيىلىپ ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئادەم شياڭگاڭدىن كەلگەن. چۈنكى شياڭگاڭدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگىلى بولىدۇ، تېخىمۇ قولاي بولغىنى شۇكى، ماشىنا ھەيدەپ گۇاڭدۇڭغا كەلگىلى بولىدۇ.
ياز كىرگەندىن بۇيان، نىڭشيانىڭ جۇڭۋېي شەھىرىگە جايلاشقان دامو خۇاڭخې دەرياسى شاپوتۇ ساياھەت ئارامگاھى تەدرىجىي ساياھەت جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى. بۇ يەردە قۇملۇق ساياھىتى، دالىدا قونۇش، دالىدا يۈرۈش، قۇملۇقتا يۇلتۇز تاماشا قىلىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك پائالىيەتلەر يۇغۇرۇلغان ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرى بار. شەنشىلىك ساياھەتچى لى جياڭبياۋ بۇ يەردە كۈندۈزى قۇملۇقتا دالا يۈرۈشى، قۇم تېيىلىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى قىلغىلى، كەچتە يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ بىپايان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ دېدى.
يېقىندا، نەنجىڭدىكى جياڭشىنجۇ نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر ساياھەتكە چىققاندا چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى. بۇ يىل يازدا، جياڭشىنجۇدا ئەرمەك ھايۋان يازلىق ئىقتىسادى ئاساس قىلىندى، مەنزىرىگاھنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى چېن جۈنرېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھاياتىي كۈچى تولۇق بولغان ھەمتۈرتكە كەچۈرمىشى، يېڭىلىق يارىتىلغان بازار ئەندىزىسى ئەرمەك ھايۋان ئىقتىسادى بىلەن يېڭى كەسىپ ھالىتى يۇغۇرۇلغان ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىچە نەچچە مىڭ ئادەم كېلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە نەچچە ئون مىڭ ئادەم كېلىدۇ. كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك ئىجتىمائىي ئالاقىسىگە قولايلىق يارىتىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يازلىق ئىقتىساد» دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، نۇرغۇن جايلار «يازلىق ئىقتىساد» يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يازلىق ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.