جايلار ۋە تارماقلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلدى
2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلاندى، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جەمئىي 13 مىليون 350 مىڭ ئوقۇغۇچى تىزىملاتتى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 7899 ئىمتىھان نۇقتىسى، 355 مىڭ ئىمتىھان مەيدانى، 21 مىڭ زاپاس ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىندى.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى تىل ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىندى. بۇ يىل سەنشى، خېنەن، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، سىچۈەن، يۈننەن، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى تۇنجى ئىمتىھاننى كۈتۈۋالدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە يېڭى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان ئۆلكە 29 غا يەتتى.
بۇ يىل جايلار 14 مىڭدىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا مۇۋاپىق قولايلىق يارىتىپ بەردى، مائارىپ تارماقلىرى 12 ئۆلكىدىكى 16 ئەما ئوقۇغۇچىغا ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى تەييارلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار يەنە سەپەرگە چىقىش، ياتاقتا يېتىش، غىزالىنىش، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، شاۋقۇننى تىزگىنلەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بىخەتەر، تىنچ، تەرتىپلىك ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
سىچۈەن چېڭدۇ ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تيەنفۇ يېڭى رايونى، دوڭبۇ يېڭى رايونى قاتارلىق ئىمتىھان نۇقتىلىرى مەركەزلەشكەن رايونلارغا قارىتا، «بىر مەكتەپكە بىر تەدبىر قوللىنىش» پىرىنسىپى بويىچە، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس لىنىيەسى»دىن 10 نى پىلانلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە «نۇقتىمۇ نۇقتا» توشۇش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا ۋاقتىدا، بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. چېڭدۇ ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز ئىمتىھان نۇقتىسى سىرتىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى تەسىس قىلىپ، ۋاقىتلىق دەم ئېلىش رايونى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، مىنېرال سۇ قاتارلىق كاپالەت ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى خاتىرجەم قىلدۇق.
سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدە، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى قۇرۇلۇش ئورنىدا كېچىدە قۇرۇلۇش قىلىپ پۇقرالارغا دەخلى قىلىش قىلمىشىغا قارىتا مەخسۇس كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەقلىي كۈزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق تەييۈەندىكى ھەر قايسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى تولۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىش ۋە دەم ئېلىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. تەييۈەن شەھەرلىك شەھەر-يېزا باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: ئىمتىھان مەزگىلىدە پۈتۈن شەھەرنىڭ ئالتە رايونىدىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇق، ئىمتىھان نۇقتىسىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورنلىرىغا قارىتا 24 سائەت قۇرۇلۇش قىلىشنى مەنئى قىلدۇق.
تەييۈەندىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا توك بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيىسى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئالا قويماي تەكشۈردى ھەمدە خاسلاشقان توك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھىسىنى تۈزدى. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى تەييۈەن شەھىرى بىڭخې توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى خۇ كەييۆ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گېنېراتورىنى تەڭشەپ، گېنېراتورنىڭ زاپاس توك مەنبەسىنى ۋاقتىنچە تولۇقلىدۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا توك ئۇلاش شارائىتى ھازىرلانمىغان بولسا، توك تارقىتىش ئاپتوموبىلىنى بىۋاسىتە يەتكۈزدۇق؛ كۆپ قىسىم ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا يەككە توك مەنبەسى بار بولسىمۇ، بىز قوش توك مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدۇق، توك مەنبەسىنى بىۋاستە ئالماشتۇردۇق.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى، خۇبېينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغدى، ئېنشى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يېشىل يول ئېچىپ بەردى. ئېنشى ئوبلاستى لەيفېڭ ناھىيەلىك گوڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى لى رۈيجى مۇنداق دېدى: ئادەم، ئىش ئورنى، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش تەلىپى بويىچە، قابىل ساقچىلارنى تەشكىللەپ، تەۋەلىكتىكى ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاتناش تەرتىپىنى قوغداش، ئامانلىق ساقلاش بويىچە چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، بىخەتەرلىك تەشۋىق-تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق.
شياۋگەن شەھىرىدىكى ھەر قايسى تارماقلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا ئوڭۇشلۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى. شياۋگەن شەھىرى داۋۇ ناھىيەسى دۇڭچېڭ ساقچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى چېن لېي مۇنداق دېدى: سائەت 7 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، بىز ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ كىملىكىنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقى، نوپۇس ئىسپاتىنى تولۇقلاپ بېجىرىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بىز دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، سائەت 8 بولمايلا بۇ ئىسپاتنى مەزكۇر ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھان نۇقتىسىدىكى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قولىغا يەتكۈزدۇق.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ جىمو رايونىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار تاماق يېيىش نۇقتىسىدىن 11 ئى تەسىس قىلىندى، جىمو رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 11 كاپالەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 24 سائەت پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، نۇقتىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلدى. ھەمدە ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ ئاشخانىلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە، مەخسۇس تېز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. جىمو رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى چېن دۇڭ: ھازىرغىچە سۈپەت ۋە مىقدار بويىچە 23 تۈركۈم (قېتىم) تەكشۈردۇق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە يەنە 50 تۈركۈم (قېتىم) تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تەكشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى خاتىرجەم قىلدۇق، دېدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار