ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى بەش ئايدا جۇڭگونىڭ دېڭىز ئىشلىرى كېسىمى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىنغان چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلو %10 كە يېقىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-08 11:46

6-ئاينىڭ 8-كۈنى 17-«دۇنيا دېڭىز-ئوكيان كۈنى»، 18-«مەملىكەتلىك دېڭىز-ئوكيان تەشۋىقات كۈنى». بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، جۇڭگو دېڭىز ئىشلىرى كېسىمى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىنغان چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 كە يېقىن ئېشىپ، جۇڭگو دېڭىز ئىشلىرى كېسىمىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى يەنىمۇ كېڭەيدى.
ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاراخوت دۆلىتى ۋە دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت، پاراخوت ئەترىتىنىڭ كۆلىمى، پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى، مال كىرگۈزۈش چىقىرىش مىقدارى قاتارلىق سۇ تىرانسپورت كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. دېڭىز ئىشلىرى تالاش-تارتىشىغا قارىتا، دېڭىز ئىشلىرى كېسىمى كەسىپچانلىقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلىكى، جانلىقلىقى، مەخپىيەت ساقلاشچانلىقى ۋە كەڭ دائىرىلىك خەلقئارالىق ئىجرا قىلىشچانلىقى بىلەن سۇ تىرانسپورتى سودىسى، سۇغۇرتا قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇرەككەپ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان مېخانىزمغا ئايلاندى.
بۇلتۇر، جۇڭگو دېڭىز ئىشلىرى كېسىم كومىتېتىنىڭ دېڭىز ئىشلىرى، دېڭىز سودىسى دېلولىرىنىڭ سانى خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كېسىم ئاپپاراتلىرى ئىچىدە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلولار بارلىق قوبۇل قىلىنغان دېلو مىقدارىنىڭ  %39ئىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %55 ئاشتى، دېلولار 40 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلاپ، خەلقئارالىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، جۇڭگو دېڭىز ئىشلىرى كېسىم كومىتېتى 80 دېلونى قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلو %41.25 نى ئىگىلىدى. دېلو 21 دۆلەت ۋە رايونغا چېتىشلىق بولدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى بەش ئايدا جۇڭگونىڭ دېڭىز ئىشلىرى كېسىمى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىنغان چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلو %10 كە يېقىن ئاشتى

6-ئاينىڭ 8-كۈنى 17-«دۇنيا دېڭىز-ئوكيان كۈنى»، 18-«مەملىكەتلىك دېڭىز-ئوكيان تەشۋىقات كۈنى».